ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا قان ھۈجەيرىسىنى غول ھۈجەيرىگە ئايلاندۇردى، ئۇلار بۈگۈن مۇنداق دېيىشتى: بۇ غول ھۈجەيرىگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى، ئەمدى بىز تېخىمۇ كۆپ جاھىل كېسەللىكلەرنى داۋالىيالايمىز. مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ھازىرغىچە غول ھۈجەيرىنىڭ زەخىملەنگەن چوڭ مېڭە، يۈرەك، كۆز ۋە ئۇستىخان قاتارلىق ئەزالارنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلىقى دەلىللەندى.