باش بەت | پىسخىكا

بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى قانداق تەڭشەش كېرەك

      بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدىكى تۇراقسىزلىق مۇۋاپىق تەڭشەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىسا، ئۇ بالىلارنىڭ خاراكتېرىدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ، بالىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆزىنى نابۇت قىلىش يولىغا سۆرەپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت ئالامەتلىرى: قايغۇرۇش، تەشۋىشلىنىش بىئارام بولۇش، زىيادە سەزگۈرلۈك، ئۇيقۇسىزلىق، روھىي چۈشكۈنلۈك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

      بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدىكى تۇراقسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، مۇھىم مەنبەسى يەنىلا ئائىلە تەربىيەسىدىكى نۇقسانلار، ئۇقۇش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر بىلەن جەمئىيەتنىڭ تەسىرى، تۈرلۈك بېسىم، تۈگىتىشكە ئامالسىز قالغان زىددىيەت ۋە چەكلىمىلەردىن ئىبارەت. بۇ خىل ئەھۋاللار بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا بەزىبىر تۇراقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىپ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى چەكلەپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

      بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدىكى بۇنداق تۇراقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ روھىي ھالىتىدە يۈز بېرىۋاتقان غەيرىي ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.

      مۇھىتنى يېڭىلاش ئۇسۇلى

      ئادەم ناچار كەيپىيات، ئېغىز بېسىمغا دۈچ كەلگەن ۋاقىتتا سىرتقى مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئويلاپ بەرسە، كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ پىسخىكىسىدا تۇراقسىزلىق كۆرۈلگەننى سەزسە، شارائىتى يار بەرگەن دەرىجىدە ئۇلارنى گۈزەل ۋە مەنزىرىلىك جايلارغا ئاپىرىپ سەيلە قىلدۇرۇپ تەبىئەتتىن ھۇزۇرلاندۇرسا بالىلارنى خۇشخۇي، ئازادە كەيپىياتقا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

      ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى

      ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، بېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا توغرا قاراش، توغرا يۈزلىنىش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش بىلەن بىللە، بالىغا ئۆزىنىڭ تېخى كىچىك ئىكەنلىكىنى، ئالدىدا نۇرغۇن پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق پىسخىكىسىنى تەڭشەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

      كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى

      بالىلارغا كىتاب ۋە گېزىت – ژۇرناللارنى كۆپ كۆرۈش ئارقىلىق بىلىمىنى ئاشۇرغىلى، مىجەز – خاراكتېرىنى تەڭشىگىلى، مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتقىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق يەنە پىسخىكىلىق ساغلاملىقنى ساقلىغىلى بولىدىغانلقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. چۈنكى بەدىئىيلىكى يۇقىرى ئەسەرلەرنى، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان گۈزەل سۆز – جۈملىلەرنى ئوقۇپ دىققەتنى بۇراش ئارقىلىقمۇ پىسخىكىسىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.

      فىزىيوگىيەلىك ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇلى       

      بالىلار بىرەر ئاۋارىچىلىققا يولۇققاندا، ئاتا – ئانىلار ئۇلارغا ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاش، ئۇسسۇل ئويناش، توپ ئويناش، سۇ ئۈزۈش، مۇزىكا ئاڭلاش، كىنو كۆرۈش، رەسىم سىزىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى فىزىيولوگىيەلىك جەھەتتىن تەڭشەپ، كەيپىياتىنى ياخشىلىۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

      ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئۇسۇلى

      ئاتا – ئانىلار بالىلارنى كۆپرەك كۆزىتىپ كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈشى، بالىلار ئالدىدا قارىغۇچلارچە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماسلىقى لازىم. ئەكسىچە بولغاندا، ئۆز ئوبرازىغا تەسىر يېتىپ، بالىنى تەشۋىشكە سېلىپ قويىدۇ.

      قىياپەت گۈزەللەشتۈرۈش ئۇسۇلى

      سىرتقى قىياپەتكە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىقمۇ باشقىلارنىڭ دىققىتى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانا بولغۇچىلار ئىقتىسادىي ئەھۋالى يار بەرگەن شارائىتتا پەرزەنتىنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى يېڭىلاپ، پەرزەنتىنىڭ ئۆزىنى روھلۇق، چىرايلىق سېزىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

      تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئالماسشتۇرۇش

      ئادەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزىبىر ئادالەتسىزلىكلەرگە، ئادىل بولمىغان مۇئامىلىلەرگە ياكى كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرگە يولۇققاندا، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىدىكى پىسخىكا تەڭپۇڭسىزلىقنى ئوڭشىۋالالايدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرىنىڭ پىسخىكىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەندە، ئۇلارنى قارشى تەرەپتىن ئۆزىگە ئوخشاش ھېس – تۇيغۇنى ئىزدەپ بېقىشقا، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىش بىلەن بىللە، خىيال تەپەككۇرىنى ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلغان ئىشتىن ئۆزىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارغا يۆتكەشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

      ۋاقىتنى ئۇنتۇش ئۇسۇلى

      ۋاقىت بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. بالىلار تەشەبۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى ئۆزىگە كۆڭۈلسىز بىلىنگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتسە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ پىسخىك تەڭپۇڭلۇقتا ئىلگىرىلەش بولىدۇ.

       ئۆز – ئۆزىنى ئازاد قىلىش ئۇسۇلى

      بالىلار ئۆزىنى ئەركىن – ئازادە قويۇۋېتىشنى ئۆزگىنىۋېلىشى، كىشىلەر ئالدىدا سۆزلىگۈسى كەلسە سۆزلىشى، كۈلگۈسى كەلسە كۈلۈشى، يىغلىغۇسى كەلسە يىغلىۋېلىشى كېرەك. ئاتا – ئانىلارمۇ بۇنداق ۋاقىتتا پەرزەنتىنىڭ روھىي ھالىتىنى توغرا چۈشىنىپ، ئۇلارغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، بالىلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك.

      ئوقۇشنى قىزغىن سۆيۈش

      پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقۇشقا بېرىلىش بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەشتە ئىنتايىن مۇھىم. بۇنداق ئەھۋاللار بىر قىسىم ئاز ساندىكى تىرىشچان ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلسىمۇ، ئاتا – ئانىلار يەنىلا مەكتەپ بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ پەرزەنتىنىڭ پىسىخكىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكنى ئوقۇش قىزغىنلىقى بىلەن ھەل قىلىشىغا مەدەت بېرىش لازىم.

 

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي