باش بەت | چولپانلار

مىسسى يېڭى رېكورت ياراتتى

      خەلقئار پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 8 – يانۋار سەھەردە شىۋېيتسارىيەنىڭ سىيۇرىخ شەھىرىدە 2012 – يىللىق باھالاش يىغىنى ئاچتى. ‹‹بارسېلونا›› كوماندىسىنىڭ ئارگېنتىنالىق ھۇجۇمچىسى مىسسى كىرىستىيانو رونالدو ۋە يىنىسسىتانى مەغلۇپ قىلىپ يەنە بىر قېتىم ‹‹ئالتۇن توپ›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

      ئىلگىرى ‹‹دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى›› مۇكاپاتىنى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى؛ ‹‹ئالتۇن توپ›› مۇكاپاتىنى ‹‹فىرانسىيە پۇتبولچىلىقى›› ژورنىلى تارقىقاتتى، 2010 – يىلى بۇ ئىككى مۇكاپات بىرلەشتۈرۈۋېتىلدى. مىسسى 2009 – يىلى تۇنجى قېتىم ‹‹دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى›› بولۇپ باھالانغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر ئۇدا تۆت قېتىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ دۇنيا پۇتبول تارىخىدا يېڭى بىر تۈرلۈك رېكورت ياراتتى. دۇنيا پۇتبول تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، فوللاندىيەلىك پۇتبول چولپىنى كىرويېۋ 1971 –، 1973 –، 1974 – يىلى؛ فىرانسىيە پۇتبول چولپىنى پىلاتىنى 1982 –، 1983 – ۋە 1984 – يىلى؛ گوللاندىيەلىك پۇتبول چولپىنى ۋان باستىن 1988 –، 1989 – ۋە 1992 – يىلى؛ بىرازىلىيەلىك پۇتبول چولپىنى رونالدو 1996 –، 1997 – ۋە 2002 – يىلى شۇنداقلا فىرانسىيە پۇتبول چولپىنى زىدانى 200 –، 2001 – ۋە 2003 – يىلى ئۈچ قېتىم بۇ شەرەپكا ئېرىشكەنىدى، ئۆتكەن بىر يىلدا 91 توپ كىرگۈزۈپ گىرمانىيەلىك موللىر 1972 – يىلى ياراتقان 85 توپلۇق رېكورتنى يېڭىلىغان مىسسى ئۇدا تۆت قېتىم ‹‹ئالتۇن توپ›› مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ يەنە بىر تۈردە يېڭى رېكورت ياراتتى.

      مىسسى مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ‹‹يەنە بىر قېتىم ›ئالتۇن توپ‹ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىمگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، مەن ئالدى بىلەن بارلىق سەپداشلىرىمغا، مەشقاۋۇلغا، دوستلىرىمغا، شۇنداقلا ئائىلەمدىكىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئەگەر ئۇلارنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا مەن بۇ شەرەپكە ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم، سىلەرگە رەھمەت‹‹.

مىسسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن ››ماكا گېزىتى››، ‹‹دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى››، ‹‹قۇياش گېزىتى›› قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى تۇشمۇتۇشتىن ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدى.

      بۇ قېتىم ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بۇسىك ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەرلەر كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى›› مۇكاپاتىغا؛ شىۋىتسىيە ئاياللار كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى پىيا ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر ئاياللار كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى›› مۇكاپاتىغا؛ ئامېرىكا ئاياللار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ۋامناچ ‹‹دۇنيا پۇتبول خانىمى›› مۇكاپاتىغا؛ گىرمانىيەلىك بېكىنبور ‹‹خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى›› رەئىس مۇكاپاتىغا؛ ئۆزبىكىستان پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ‹‹ئادىل رىقابەت›› مۇكاپاتىغا؛ تۈركىيەنىڭ ‹‹فەنەرباخچە›› كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغان سىلوۋاكىيە ماھىرى سىتوچ ‹‹پۇسكاش›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

      ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىرى شۇكى، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى››دىكى 11 ماھىرنىڭ ھەممىسى ئىسپانىيەدە توپ ئوينايدىغانلار بولۇپ، ‹‹بارسېلونا›› كوماندىسىدىن بەش؛ ‹‹مادرىد رىقابەت›› كوماندىسىنىڭ بىر ماھار ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى››دىن ئورۇن ئالغان.

 

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر