باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

ئېنېرگىيە تېجەپ يۇرتىمىزنى سۆيەيلى

      1. يەر شارىنىڭ نالىسى

      A: قەدىمدىن ھازىرغىچە يەر شارى ئانىمىز سانسىزلىغان ئەۋلادلارنى بېقىپ كەلدى. ئىلگىرى ئۇنى پەرزەنتلىرى ناھايىتى چىرايلىق ياساندۇرغان ئىدى. (سۈرەت كۆرسىتىلىدۇ)

      B: بىراق، ھازىر ئىنسانلار ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇنى بەكمۇ ۋەيران قىلىۋەتتى. ئورمانلىقلار كىشىنى چۆچۈتىدىغان سۈرئەتتە كېسىلدى؛ قۇم – شېغىللار ئىكىنزارلىقلارنى يالمىۋالدى؛ چاڭ – توزان، قاتتىق بورانلار ئۇنىڭ ئاجىز گەۋدىسىنى ۋەيران قىلىۋەتتى، ئىس – تۈتەك ئۇنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتقان نەپىسىنى بۇغۇپ قويدى؛ ھەر خىل كېرەكسىز تاشلاندۇقلار ئۇنىڭ تېرىسىنى خىلمۇ خىل كېسەللەر بىلەن چىرىتىۋەتتى؛ ئوزون قاتلىمى تېشىلدى، كىسلاتالىق يامغۇر ھەممىلا يەردە ياغدى، ھەر خىل كېسەللەر ئۈزلۈكسىز پەيدا بولدى، كەلكۈن كۆپىيىپ تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ كەتتى، مۇز داۋانلار ئېرىپ كەتتى ... (رەسىم كۆرسىتىلىدۇ) يەر شارى بۇنداق قىيناشلارغا چىدىماي، ئاخىرى سېگنال بەردى. كىچىك دوستلار تۆۋەندىكى ‹‹يەر شارىنىڭ نالىسى›› ناملىق ئىتوتنى كۆرۈڭلار.

      2. مەن مۇھىت ئاسراش ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن

      A: يەر شارى ئانىمىز خىلمۇ خىل ئاپەتلەرنىڭ كەينى – كەينىدىن يۈز بېرىشى بىلەن بىزنى تاشلاپ قويمىدى، بىراق، بىز نادانلىقىمىز بىلەن ئۇنىڭغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزدۇق، ئۇ ناھايىتى ئازابلىق نالە قىلماقتا، ئېچىنىشلىق يىغلىماقتا ...

      B: يەر شارىمىزنى قۇتۇلدۇرايلى! بىز ھەرىكەتكە كېلىپ كىچىك ئىشلاردىن، ھازىردىن باشلاپ مەكتەپ مۇھىتىنى ئاسرايلى. قەغەز پارچىلىرىنى كۆرسەك تېرىۋېتەيلى؛ بىر تېمىم سۇنىمۇ ئىسراپ قىلمايلى؛ كۆچەت تىكىپ، زور ئۈمىد كۈتەيلى ...

      A: شۇنداق قىلغاندا كەلگۈسىدە يەر شارىمىز، ماكانىمىز جەزمەن يېشىللىققا، گۈللەرگە پۈركىنىدۇ.

      B: پىيونېرلار، يېڭى دەۋرنىڭ ئۆسمۈرلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز مۇھىت ئاسراش ئىشلىرى ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىشىمىز لازىم؟

      (ئوقۇغۇچىلار مۇنازىرلىشىدۇ، ئۆزئارا باھا بېرىدۇ)

     A: ئىنسانلارنىڭ پەقەت بىرلا يەر شارى بار، بىزنىڭ ماكانىمىزنى ئاسراش ۋە قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز بار. تۆتىنچى كىچىك ئەترەتتىكى پىيونېرلار كۆڭلىنى ئىپادىلەشكە تەققازا بولۇپ كەتتى. قېنى تۆۋەندىكى ‹‹مەن مۇھىت ئاسراشتىكى كىچىك ئەزىمەت›› دېگەن شېرىي دېكلاماتسىيەدىن ھوزۇرلىنىڭلار.

     3. مۇھىت ئاسراش ھەققىدىكى بىلىملەرنى بىلىمەن

     B: مۇھىت ئىنسانلارنىڭ ياشىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق شەرت ھەم كاپالەتتۇر. شۇڭا، ياشاش مۇھىتىمىزنى قوغداش ۋە ياخشىلاش نۆۋەتتىكى بىر جىددىي مەسىلىگە ئايلاندى.

     A: ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، ئۇلارنىڭ مۇھىت ئېڭىنىڭ قانداق بولۇشى ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق ۋە ئىمكانىيەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، بىز مۇھىت ئاسراش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، قانۇن – پەرمانلارغا رىئايە قىلىدىغان، مۇھىت قوغدايدىغان ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم.

      B: مۇھىت ئاسراش ھەققىدە قانچىلىك بىلىمىگە ئېرىشتۇق، قېنى سىلەرنى بىر سىناپ باقاي!

      A: ھازىر بىز قىزىقارلىق ھەم بىلىم ئالغىلى بولىدىغان ئويۇن ئوينايلى ...

      B،A: مۇھىت ئاسراش بىلىملىرىنى بىلىمەن (ئاۋۋال تاللاش سوئاللىرى چىقىرىلىدۇ، ئاندىن كۆرۈنۈشكە قاراپ ھۆكۈم قىلىش سوئالى چىقىرىلىدۇ).

      A: بايامقى ئويۇنلار ناھايىتى قىزىقارلىق ئېلىپ بېرىلدى، قارىغاندا ساۋاقداشلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ھەققىدىكى بىلىم لەرنى بىلىدىكەن.

      B: ساۋاقداشلار، ئادەتتىمۇ مۇھىت ئاسراش ھەققىدىكى بىلىملەرنى كۆپلەپ ئىگىللەپ ھەم ئۇنى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممىمىز ‹‹كىچىك ئاسرىغۇچى›› بولۇشقا تىرىشايلى.

      A: قاراڭلار، بىزنىڭ مۇھىت ئاسراش كىچىك ئەترىتىمىز ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى! (پائالىيەت ھەققىدىكى سۈرەت كۆرسىتىلىدۇ ياكى پلاستىنكا قويۇپ بېرىلىدۇ)

      4. قولى چىۋەر ھۈنەرۋەنچىلەردىن بولۇش

      A: ئەخلەت تاشلىۋېتىلگەن بايلىقتۇر. ناۋادا ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانساق ئۇمۇ زور بايلىق ھېسابلىنىدۇ.

      B: شۇنداق، قاراڭلار پىيونېرلىرىمىز ھەرىكەتكە كەلدى. (پىيونېرلار رەتلىك تىزىلىپ سەھنىگە چىقىدۇ)

      A: كېرەكسىز نەرسە – كېرەكلەردىن پايدىلىنىپ سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ياسىغاندا قول ماھارىتىمىزنى، تەپەككۇر ئىقتىدارىمىز ۋە ئىجاتچانلىقىمىزنى ئاشۇرۇپلا قالماي مۇھىت ئاسراش ئېڭىمىزنىمۇ كۈچەتەلەيمىز.

      B: كوچىلاردا تاشلىنىپ تۇرغان ئېلان قەغەزلىرىدىن ۋېلىسىپىت، كونا پەلەيدىن ئوماق توشقانچاقلارنى ياسىغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە مۇھىت قوغداش ئۈلگىسى دەپ نام ئالغان ئوتتۇرا ئەترەتتىكى پىيونېرلار ياسىغان نەپىس سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆرۈپ باقايلى. (تۆت پىيونېر ئۆزلىرى ياسىغان سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ قانداق ماتېرىيالدىن ياسالغانلىقىنى تونۇشتۇرىدۇ)

      A: ھەقىقەتەنمۇ ئىجادىيلىققا ئىگە ئىكەن. قاراڭلار، كېرەكسىز نەرسىلەر بىزنىڭ قولى گۈل پىيونېرلىرىمىزنىڭ ماھارىتى بىلەن تۇرمۇشىمىزنىڭ ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلىنىپتۇ ئەمەسمۇ؟ قارىغاندا، پەقەت كۆڭۈل قويساقلا مۇھىت قوغداشقا بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشالايدىكەنمىز. ساۋاقداشلار بىز بىرلىكتە مېڭە ئىشلىتىپ تېخىمۇ كۆپ مۇھىت ئاسراشقا ئائىت ئىجادىيەتلەرنى بايقايلى. بىز بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ مۇھىت ئاسراشقا بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشايلى! (مۇزىكا قويۇلىدۇ، كېرەكسىز نەرسىلەردىن ياسالغان سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ)

      B: ساۋاقداشلار، بۇ سەنئەت بۇيۇملىرى پەقەت بىر قىسىم پىيونېرلارنىڭلا ماھارىتى. ئىشىنىمەنكى، سىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ماھارىتىڭلار بار. كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇھىتنى قانداق ئاسرايسىلەر؟

      5. ماكانىمىزنى گۈزەللەشتۈرەيلى

      A: ئېنېرگىيە تېجەپ، مۇھىت ئاسراپ، ماكانىمىزنى سۆيەيلى! قاراڭلار، ئىككىنچى كىچىك ئەترەتتىكى پىيونېرلار رەسىم سىزىش ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىمىزنى نامايان قىلدى؛ جەمئىيەتكە: ‹‹مۇھىت ئاسراشنى ھازىردىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلايلى›› دەپ مۇراجىئەت قىلدى. (پىيونېرلار سىزغان رەسىملەر كورگەزمە قىلىنىدۇ، پىيونېرلار رەسىملىرىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرىدۇ)

      B: قاراڭلار، بۇ رەسىملەردە يەنە تىلى ئاددىي، تۇتۇۋېلىشقا ئاسان شوئارلارمۇ بار ئىكەن! مېنىڭچە پىيونېرلارنىڭ يەنە نۇرغۇن تەييارلىقى بارغۇ، دەيمەن؟ ھازىر بۇ كىچىك ئەترەتتىكى پىيونېرلارنى ئۆزلىرى يازغان شوئارلىرىنى ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى!

      6. دېكلاماتسىيە قىلىش

      B: مەسئۇلىيەتنى زىممىنىمىزگە ئالايلى! يەر شارى ئانىمىزنى ياخشى قوغدايلى، ياشاش مۇھىتىمىزنى ئاسراش دەۋر بىزگە يۈكلىگەن شەرەپلىك ۋەزىپە! تۆۋەندىكى ‹‹كەلگۈسىنى يېشىللىققا پۈركەيلى›› ناملىق دېكلاماتسىيەسىنى ئاڭلايلى.

      A: مەكتەپلىرىمىز نېمە دېگەن گۈزەل؟

      B: بايرىقىمىز نېمىشقا شۇنچە قىزىل ھەم لەپىلدەيدۇ؟

      B،A: چۈنكى، بىر ئۇلۇغ شەخس — لېي فېڭ گۈل – چېچەككە پۈركەنگەن باھار پەسلى 3 – ئايدا يېتىپ كېلىدۇ.

      A: لېي فېڭ يېڭى دەۋرنىڭ قەھرىمانى. سىزنىڭ قامىتىڭىز پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئىلھام بېرىدۇ؛ سىزنىڭ كۈلۈمسىرىشىڭىز خۇددى قۇياش نۇرىدەك ھەربىرىمىزنىڭ قەلبىنى يورۇتىدۇ!

      B: ئاھ، لېي فېڭ! بىز سىزدىن ئۈلگە ئېلىپ تەپەككۇر قىلىشنى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى بىلدۇق؛ سىزنى مەدھىيەلىگەن ناخشىدا يېڭىلىق يارىتالىدۇق. لېي فېڭ تاغا قانداق ئادەم ئىدى؟

      A: لېي فېڭنىڭ ئۆمرى قىسقا بولسىمۇ ئۇنىڭ پارلاق ئوبرازى مەڭگۈ قەلبىمىزدا ياشايدۇ.

      B: لېي فېڭ قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن، خەلق ئۈچۈن ئىشلىگەن، كۆپ قېتىم ئىلغار خىزمەتچى، نەمۇنىچى، بايراقدار بولۇپ باھالانغان. سىلەر لېي فېڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى بىلەمسىلەر؟ (پىيونېرلار لېي فېڭ ھەققىدە ھېكايە سۆزلەيدۇ)

      A: ساۋاقداشلار، لېي فېڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگەنسىلەر؟ ھازىر پىيونېرلار گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ مۇزاكىرە قىلىدۇ، ئاندىن ۋەكىل سايلاپ جاۋاب بېرىدۇ.

      B: لېي فېڭ تاغا قالدۇرۇپ كەتكەن نەچچە يۈز كۈندىلىك خاتىرىدە ئۆزىنىڭ يېتىلىش جەريانى خاتىرىلىنىپ، ھايات ھەققىدىكى ئەقلىيە سۆزلەر يەكۈنلىنىپ، بىز ئۈچۈن قىممەتلىك روھىي بايلىق قالدۇرغان.

      B،A: بوران – چاپقۇنلۇق، جاپا – مۇشەققەتلىك پەيتلەردە ئۇنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

      A: ئۇنىڭ گېنرالدەك جەڭ غەلىبىسى يوق، يازغۇچىلارنىڭكىدەك يىرىك ئەسىرى يوق، ئۇ پەقەت بىر تامچە باھار يامغۇرىدۇر، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ روھى نېمە ئۈچۈن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تارقىلىپ كەلدى؟ بۇنىڭ سىرى نېمە؟ (پىيونېرلار مۇزاكىرە قىلىدۇ، ئايرىم جاۋاب بېرىدۇ)

      B: لېي فېڭ بىر ناخشا، بۇ ناخشا جۇڭگونىڭ يەسلى بالىلىرىدىن تارتىپ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەكتەپلىرىگىچە ئېيتىلىدۇ. بۇ ناخشا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ياڭرىماقتا.

      A: كىم دەيدۇ لېي فېڭ قالمىدى دەپ، ‹‹لېي فېڭ روھىي›› مەڭگۈ قەلبىمىزدا ياشنايدۇ، قەلبىمىزدە يىلتىز تارتىدۇ. ساۋاقداشلار، ئۆگىنەيلى لېي فېڭ روھىدىن( چوڭ ئېكراننى كۆرسىتىدۇ)، قېنى بىرلىكتە ئېيتايلى!

      A: ساۋاقداشلار 3 – ئاينىڭ لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئېيى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بىراق ئادەتتە بىز باشقا ۋاقىتلاردىمۇ لېي فېڭ تاغىمىزدەك كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشىمىز كېرەك.

      B: باشقىلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ياردەم قولىمىزنى سونۇپ، ئىللىقلىق يەتكۈزەيلى؛ ساۋاقدىشىمىزغا ئۆچۈرگۈچ، قېرىنداش ئارىيەت بېرىپ تۇرايلى، ئۆگىنىشتە قىيىنىلىۋاتقان ساۋاقداشلىرىمىزغا ياردەم بېرەيلى. بۇلارنىڭ ھەممىسى لېي فېڭدىن ئۆگىنىشنىڭ ئىپادىسىدۇر.

      A: لېي فېڭ روھى مەڭگۈ نۇر چاچىدۇ، بىز ئۇنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان روھىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم.

      B: لېي فېڭ روھى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. ئەتراپىمىزدا جاپادىن، ھېرىپ – چارچاشتىن قورقماي تىرىشىپ ئوقۇيدىغان نۇرغۇن ساۋاقداش بار. تۆۋەندە ساۋاقداشلارنىڭ ‹‹سىنىپىمىزدىكى كىچىك لېي فېڭ›› توغرىسىدىكى پارىڭىنى ئاڭلايلى.

       A: ساۋاقداشلارنىڭ سۆزى بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. لېي فېڭ ئەمەلىيەتتە ھەممىلا يەردە بار. ئۇ سەمىمىي بالىلار بىلەن، ئىشچان بالىلار بىلەن، تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار بىلەن، ساۋاقداشلىرىغا كۆيۈنىدىغان بالىلار بىلەن بىللە! لېي فېڭدىن قانداق ئۆگىنىشىمىز لازىم؟ مېنىڭچە بۇنىڭ جاۋابىنى ھەممە ساۋاقداشلار بىلىپ بولدىغۇ، دەيمەن!

 

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر