باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

دادا، ئاپا، سىلەرگە ئېيتسام

نۇربىيە ئىمىن

      سۆيۈملۈك دادا، ئاپا، ياخشىمۇسىلەر؟ بەلكىم بۇ خەتنى كۆرگەندىن كېيىن ‹‹بالام كۈندە بىز بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرسا يەنە نېمىشقا خەت يېزىپ يۈرگەندۇ؟›› دەپ ئويلاپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە مەن سىلەرگە يۈزتۇرانە ئېيتالمىغان يۈرەك سۆزلىرىمنى سىرداش دوستۇم ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى ئارقىلىق بايان قىلماقچى. ئازراق ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

      دادا، ئاپا، مەن ھەركۈنى مەكتەپتىن تاماقنىڭ مەزىلىك پۇرىقى بىر ئالغان ئىللىق ئۆيگە قايتىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما، كۆرگىنىم نەرسىلەر قالايمىقان چېچىلغان، بوران ئۇچۇپ تۇرغان سوغوق ئۆيىمىز بولىدۇ. بۇنداق چاغلاردا دادا سىز قانداقتۇر جان – جېگەر دوستلىرىڭىزنىڭ يېنىغا، ئاپا سىز قاتار چېيىڭىزغا كەتكەن بولىسىز. مەن سىلەرنىڭ بالدۇرراق كېلىشىڭلارنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپ قورسىقىمنىڭ ئاچلىقىدىن قۇرۇق نان يېيىشكە مەجبۇر بولىمەن. تاپشۇرۇقلىرىمنىڭ چۈشىنەلمىگەن جايلىرىنى تاشلاپ قويىمەن – دە ئەتىسى باشقىلارنىڭ دەپتىرىدىن ئوغرى مۈشۈكتەك كۆچۈرۈۋالىمەن.

      قەدىرلىك ئاپا، سىزنىڭ دەم ئېلىش كۈنى ئۆيدە تاماق ئېتىپ كىر – قات يۇيىدىغان ۋاقتىڭىز ناھايىتى ئاز. سىز قانداقتۇر ئولتۇرۇش، توي، چاي دېگەندەك باھانا بىلەن ئەتىگەندىلا پەردازخانىغا كېتىسىز، كەچتە ھارغىن قايتىپ كېلىسىز. ئەگەر توي، چايلىرىڭىز بولمىسا كىيىنكى ئايلىق تويلارنىڭ غېمى ئۈچۈن بازاردىن مودا كىيىملەرنى ئىزدەيسىز. مۇشۇ سەۋەپتىن ئۆيىمىزدە زادىلا جېدەل ئۆكسۈمەيدۇ. دادام سىزنىڭ بەتخەجلىكىڭىزدىن رەنجىسە، سىز دادامنىڭ نامراتلىقىدىن رەنجىيسىز. بۇنداق چاغلاردا مەن ‹‹ئاپام ئۈچۈن ئالتۇن تېغىمىز بولسا ئۆيىمىزدە ھەرگىز جېدەل چىقمايتتى›› دەپ ئويلاپ قالىمەن.

      قەدىرلىك دادا، سىزنىڭ دوستلىرىڭىز ناھايىتى كۆپ. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ‹‹پالانى باشلىق دادامنىڭ ئاغىينىسى›› دەپ مەغرۇرلانغىنىم بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ شەھەردىن يوقالسىكەن دەيمەن. چۈنكى، ئۇلار سىزنىڭ بىز بىلەن بىللە تاماق يەيدىغان، تېلېۋىزور كۆرىدىغان، باغچىلارغا بارىدىغان ۋاقىتلىرىمىزنى تامامەن تارتىۋالدى. مەن سىزنىڭ ئاپام ئەتكەن مەززىلىك تاماقلارنى يەپ ئۆيدە ماڭا ھەمراھ بولۇپ ئولتۇرۇشىڭىزنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتىم.

      قەدىرلىك دادا، ئاپا، سىلەر ھازىر بىر يەرگە كەلسەڭلارلا ئۇرۇشىسىلەر. ‹‹ئاجرىشىمەن›› دەپ بىر – بىرىڭلارغا تەھدىت سالىسىلەر. مېنىڭ بىر بۇلۇڭدا شۈمشىيىپ تۇرغىنىمغا پەرۋا قىلمايسىلەر. مەن ئىللىق ئائىلىگە موھتاج. بىر – بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتسەڭلار، ئۆيىمىزنى كۈلكە – چاقچاق بىلەن تولدۇرساڭلار دەيمەن. مەن سىلەرنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. سىلەرنىڭمۇ مېنى ھەم ئائىلىمىزنى سۆيۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

      (ئاپتور ئاۋات ناھىيەسى يېڭئېرىق يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 3 – يىللىق 10 – سىنىپتا)

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر