باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئۆمۈچۈك

ئايشەمگۈل داۋۇت

 

لەيلەپ كەلدى ئۆمۈچۈك،

كەلمەكچىمۇ يېنىمغا؟

ياكى مېنى قورقۇتۇپ،

چۈشمەكچىمۇ بېشىمغا؟

 

كېتىپ قالدى ئۇ يەنە،

بىر تال يىپقا ئېسىلىپ.

ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە،

خۇشال ئويناپ، ئېچىلىپ.

 

نېمە ئۈچۈن ئۆمۈچۈك

تام – تورۇستا ئۆيۈڭ بار؟

مېھمان كەلسە پاتمايدۇ،

بىر كىشىلىك شۇنچە تار.

 

تور توقۇپسەن بەك پۇختا،

سەن ئوينايسەن كىم بىلەن؟

دوستۇڭ قايسى، توپ قايسى،

يا ئوينامسەن مەن بىلەن؟

 

ساڭا قاراپ مۇشۇ دەم،

زور ئۈمىدكە تولدۇممەن.

ھەربىر ئىشتا ئىرادە

كېرەك ئىكەن، بىلدىممەن.

 

(ئاپتور مارالبېشى ناھىيەسى ئاۋات بازىرى يېڭىھايات توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر