باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

قول يۇيۇش سۇيۇقلىقى راستىنلا باكتېرىيە ئۆلتۈرەلەمدۇ

 

 

      تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئادەتتە ئىسپىرىت تەركىبى %60 تىن يۇقىرى بولغان قول يۇيۇش سۇيۇقلىقىنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار ئىكەن. قولنى يۇيغاندا قۇرغاق قىلىۋەتكەندەك بولسىمۇ، باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى ياخشى. دۆلىتىمىزدە ئاساسلىقى ئادەتتىكى قول يۇيۇش سۇيۇقلىقى بىلەن دېزىنفىكسىيەلەش خۇسۇسىيتىگە ئىگە قول يۇيۇش سۇيۇقلىقىدىن ئىبارەت ئىككى خىللا بار، بۇلارنىڭ نامى ھەمدە رولىمۇ ئوخشىمايدۇ، لېكىن دېزىنفىكسىيە چۈشەندۈرۈشى بولغان قول يۇيۇش سۇيۇقلىقى ئۆلچەملىك بولۇپ، بەدەنگە ھېچقانداق ئەكىس تەسىرى يو، شۇڭا قول يۇيۇش سۇيۇقلىقى سېتىۋالغاندا ئۆلچەملىك ياكى ئۆلچەملىك ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك، زاۋۇت نامى يوق قول يۇيۇش سۇيۇقلىقلىرىنى سېتىۋالماسلىقى كېرەك. يەنە بىر جەھەتتىن قول يۇيۇش سۇيۇقلىقىنىڭ دېزىنفىكسىيەلەش ئۈنۈمى يەنىلا ئەتىر سوپۇنغا يەتمەيدۇ. 

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: ئاينۇر