باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

تاماقتىن كېيىن جىم ئولتۇرۇش جىگەرگە پايدىلىق

      تاماقتىن كېيىن 10 ~ 30 مىنۇتقىچە جىم ئولتۇرۇۋېلىپ، ئاندىن ئۇخلاش ياكى سەيلە قىلىش ۋە ياكى باشقا ئىشلارنى قىلىش جىگەرگە پايدىلىق، بۇنداق قىلىش بولۇپمۇ جىگەر كېسىلى بارلارغا ئىنتايىن زۆرۈر.

      مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹جىگەر قان ھاسىل قىلىدىغان مۇھىم ئەزا. بەدەندىكى ئوزۇقلۇقلار قاننىڭ ياردىمىدە ئۈچەي ئارقىلىق ۋىنادىن ئۆتۈپ جىگەرگە بارىدۇ››. سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەم يېتىپ ئۆرە تۇرغىچە، جىگەرگە باردىغان قان %30 ئازىيىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ماڭغاندا، ھەركەت قىلغاندا، قاننىڭ يەنە بىر قىسىمى پۇت - قوللارغا قاراپ ئاقىدىكەن. بۇنداق چاغدا، جىگەرگە باردىغان قان %50تىن كۆپرەك ئازىيىپ كېتىدىكەن. جىگەرگە بارىدىغان قان ئازىيىپ كەتكەن ئەھۋالدا بەدەندىكى نورمال ماددا ئالمىشىش تەسىرگە ئۇچراپ، جىگەرگە زىيان يېتىدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇتەخەسسىسلەر تاماقتىن كېيىن 10 ~ 30 مىنۇتقىچە كۆزىنى يۇمۇپ جىم ئولتۇرۇپ، جىگەرنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك قانغا ئېرىشتۈرۈش ئارقىلىق جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى يېتەرلىك ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارغا تويۇندۇرۇش كېرەك، دېگەن مەسلىھەتنى بېرىدۇ.

 

مەنبە: تەھرىر: مەۋلان