باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

ياپونىيە تۆت مېتىرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى ماشىنا ئادەمنى ياسىدى

      ياپونىيە سۇيدوباشى ئېغىر سانائەت شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ماشىنا ئادەم كۇراتاس، ئېگىزلىكى تۆت مېتىر، ئېغىرلىقى تۆت توننا، سېتىلىش باھاسى 1 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى.

      ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدىكى سۇيدو ئېغىر سانائەت شىركىتى كۇراتاس ناملىق كەلگۈسى ئۇسلۇبىدىكى رەڭلىق قورال سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى. كۇراتاس بىر دەرىجىدىن تاشقىرى ماشىنا ئادەم بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن تۆت مېتىر، ئېغىرلىقى تۆت توننا، ئۇنىڭغا گېلىن پىلىموتى ئورنىتىلغان بولۇپ، باشقۇرغۇچى كۈلۈمسىرىگەن ۋاقىتتا مىنۇتىغا ئالتە مىڭ پاي BB تىپلىق ئوق چىقىرىدىكەن. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ ماشىنا ئادەمنى Iphone ئارقىلىق كونتىرول قىلغىلى بولىدىكەن.

      كۇراتاسنى بۆلمەنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپمۇ، 3G تورى ئارقىلىقمۇ كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ سېتىلىش باھاسى 1 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، ئۇنىڭغا جەمئىي تەخمىنەن 30 تال سۇيۇقلۇق بېسىملىق بوغۇم ئورنىتىلغان بولۇپ، باشقۇرغۇچى خادىم بەدىنىنى يۆتكەش ئارقىلىق ئۇنى كونتىرول قىلالايدىكەن. جەمئىي 16 خىل رەڭلىك كۇراتاس بولۇپ، ئارىسىدا قارا ۋە ھال رەڭلىكى بار ئىكەن.

      كۇراتاسقا ئاپتوماتىك نىشان بەلگىلەش سىتېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، باشقۇرغۇچى دۈشمەننى قارىغا ئالالايدىكەن. كۇراتاسمۇ ھېچقانداق دۈشمەننى قاچۇرۇپ قويمايدىكەن. پەقەت باشقۇرغۇچى كۈلۈمسىرەپ قويسىلا كۇراتاس BB تىپلىق ئوق ئاتىدىكەن.كۇراتاسنىڭ تۆت پۇتىغا چاق ئورنىتىلغان بولۇپ، يۆتكەش قولايلىق ئىكەن، ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى سائىتىگە 10.4 كىلومېتىر ئىكەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان