باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

كۇچا خەلق ناخشا - مۇزىكىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى

      كۇچاشۇناسلىق كۇچا تارىخ - مەدەنىيىتىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى. كۇچا خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرى بۇ ئىلىمنىڭ مۇھىم تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرى. غەربىي يۇرتتىكى تۆت مەدەنىيەت مەركىزىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان كۇچا مەدەنىيىتى مىلادىيە 2 -،  3 - ئەسىرلەردىلا ئاجايىپ تەرەققىي قىلغان. بۇ دەۋردە مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىر، گۈزەل سەنئەت، سېرك، ھەيكەلتىراشلىق، بىناكارلىق قاتارلىقلار يۈكسەك تەرەققىيات پەللىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ‹‹مايتىرى سىمىت›› تەك تىياتىر كۇچادا ئومۇملىشىپ، تىياتىرنىڭ شەكىللىنىشىگە يول ئاچقان. تاڭ دەۋرىنىڭ شائىرى يۈەن جىن ‹‹ليەنچاڭ قەسىرى نەزمىسى›› دېگەن شېئىرىدا بۇنى مۇنداق ئەكس ئەتتۈرگەن:

كەزدى چۇنشۇن بەگ جىمى لياڭجۇ قۇچاقىنى تامام،

قىلدى زەپ ياڭراق كۇچا كۈي - نەغمىسى تىنماي داۋام.

      بۈگۈنكى كۇچا خەلق ناخشا - كۈيلىرى ئەنە شۇ دەۋردە گۈللەنگەن كۇچا ناخشا - كۈيلىرىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى. ئەجدادلىرىمىز بۇلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بۈگۈنكى يۈكسەك تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە قىلدى. بىز بۇ سەنئەت ئەڭگۈشتەرىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا يەنىمۇ ئىلمىي باھا بېرىشىمىز كېرەك.

      كۇچا خەلق ناخشا - مۇزىكىلىرى خاس مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە. ئۇ مۇئەييەن مەدەنىيەت شەكلىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان خاسلىق. بىز كۇچا خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە نەزەر سالساق، ئۇنى مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىدىن كۆرۈش مۇمكىن:

      بىرىنچى، تارىخىي قىممىتى. كۇچا خەلق ناخشىلىرى قەدىمكى كۇچا مۇزىكىلىرى بىلەن تومۇرداش. ئېلىمىز ئالىملىرى كۇچا خەلق مۇزىكىلىرى مىلادى 3 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان دەپ قارايدۇ. مۇشۇ بويىچە بولغاندا كۇچا خەلق ناخشا - مۇزىكىلىرى غەربىي يۇرت مۇزىكىلىرى بولغان سۇلى (قەشقەر) مۇزىكىلىرىدىن بىر ئەسىر بۇرۇن، قوچۇ مۇزىكىلىرىدىن ئاز كەم ئۈچ ئەسىر بۇرۇن، ياپپان مۇزىكىلىرىدىن ئىككى ئەسىر بۇرۇن، ئىۋىرغول مۇزىكىلىرىدىن بەش ئەسىر بۇرۇن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان. ‹‹سۈينامە، مۇزىكا تەزكىرىسى››دە كۇچا ناخشا - مۇزىكىلىرىدىن ‹‹سەن - سەن مېنى سەن››، ‹‹سۇلۇۋيىرى›› قاتارلىق تۆت ناخشا تىلغا ئېلىنغان. بەزى مۇزىكا مۇتەخەسسىسلىرى ‹‹سەن- سەن مېنى سەن››نى ھازىرقى‹‹سەن - سەن مېنى سەن، خارابى قىلدىڭ مېنى سەن›› دېگەن خەلق ناخشىمىز دەپ قارايدۇ. بۇ ناخشىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان ۋاقتى مىلادى 581 - يىللاردىن 618 - يىللارغا توغرا كېلىدۇ.

      كۇچالىقلار ئېتىقاد قىلغان سەككىز ئىلاھ قاتارىدا كىننارا دېگەن نەغمە - ناۋا ئىلاھىنىڭ بولۇشى، مىڭئۆي رەسىملىرىدىكى نەغمە - ناۋا، ناخشا - ئۇسسۇل تەسۋىر قىلىنغان ئوبرازلىق كۆرۈنۈشلەر كۇچا خەلقى نەزەرىدە نەغمە - ناۋانىڭ ئەزەلدىن مۇقەددەس ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. قىزىل مىڭئۆينىڭ 38 - غارىدىكى ‹‹ئەرشتىكى سەنئەتكارلار رەسىمى››دە ساز چالغان، ئۇسسۇل ئوينىغان كۆرۈنۈشلەر بار. ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى قولىدا گۈللۈك شوينا، بەزىلىرى گۈللۈك تەخسە تۇتقان، بەزىلىرى قولىدىن قاس چىقىرىۋاتقان ھالەتتە سىزىلغان. سازەندىلەرنىڭ بەزىلىرى جەينەكلىرى ئېگىلگەن، مۈرىسى چوقچايغان ھالەتتە پۈتۈن كۈچى بىلەن نەي چېلىۋاتقان، بەزىلىرى چالغۇ تارىغا قول ئۇرۇۋاتقان، بەزىلىرى ئېڭىشىپ تۇرۇپ ساز رىتىمىغا قۇلاق سېلىۋاتقان قىياپەتتە تەسۋىرلەنگەن. سازەندىلەرنىڭ قوللىرىدىكى چالغۇ ئەسۋابلىرىدا سۇمۇرغ باشلىق غوڭقا، بەرباپ، نەي، تىزما نەي، بالمان، داپ، تالدۇمباق، بەلدۇمباق، مىس جاڭ قاتارلىقلار بار. ئۇلاردا ئىپادىلەنگەن ئۇسسۇل قىياپەتلىرى گۈزەل، سىلىق، سالماق، نازاكەتلىك. مىڭئۆيلەردە تەسۋىرلەنگەن بۇ سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ناخشىسىز ئۆتكەن ئەمەس، ئەلۋەتتە.

 

مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەھرىر: ئاينۇر