باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

پۆرە

 

      ماتېرىياللار: ئۇن مۇۋاپىق مىقداردا، ياغ، گۆش 500 گرام، جاڭيۇ، سۇ 500 گرام، قارىمۇچ، كۈدە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. ئېتىش ئۇسۇلى:

      1. گۆشنى ئۇششاق توغراپ، كۈدە، قارىمۇچ، جاڭيۇ، تۇز، پىششىق سۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

      2. تۇز قويۇپ قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرۇپ، 35 گرام خېمىردا 4 - 3 دانە زوۋۇلاپ ئۈزۈپ، نېپىز جىلىت ئېچىپ، ئىچىگە قىيمىنى سېلىپ، ئوتتۇرىسىدىن پۈكلەپ قاتلاپ، ئەتراپىنى يىپىشتۇرۇپ، يېرىم ئاي شەكلىدە پۆرە تۈگۈپ تەييارلايمىز.

      3. قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىززىتىپ، تەييارلانغان پۆرىنى سېلىپ، ئالدى - كەينىنى قىزارتىپ ئېلىۋالىمىز.

      4. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ قاينىغاندىن كېيىن، قاسقانغا مايدا قىزارتىۋالغان پۆرىنى قويۇپ، قازاننىڭ تۇۋىقىنى چىڭ يىپىپ، سۇنىڭ ھورىدا 15 - 20 مىنۇتقىچە پىشۇرۇپ ئالساق بولىدۇ. پۆرىنى پىشۇرغاندا سۇغا چىلىشىپ قالماسلىقى لازىم.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو شىنجاڭ تارماق تورى تەھرىر: ئاينۇر