باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ئەھمىيەتلىك تەتىل

ئېرپانجان ئېلى

      مەن بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتناشتىم. قىسقىغىنە ئالتە كۈنلۈك پائالىيەت مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

      پائالىيەتتە بىز تۇرپاندىكى ئىمىن ۋاڭ مۇنارى، يارغول قەدىمىي شەھىرى، مۇزېي ۋە مەنزىرىلىك رايونلار، 8 – ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بىجىرىش ئورنى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، بالىلار باغچىسى، پەن – تېخنىكا سارىيى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق. بۇ جەرياندا مەن مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگەندىم. يۇرتۇمنىڭ گۈزەل تاغ – دەريالىرىدىن چەكسىز ھۇزۇر ئالدىم. تارىخ بىلىمىم چوڭقۇرلاشتى، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمگە بولغان مىننەتدارلىقىم تېخىمۇ كۈچەيدى.

      بۇ تەتىل مەن ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋە ئۇنتۇلغۇسىز تەتىل بولدى.

(ئاپتور كۇچا ناھىيەسى ئالقاغۇ بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپ 4 – يىللىق 3 – سىنىپتا)

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر