باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

‹‹قاۋىغان ئىت چىشلىمەس››

      بىر كۈنى بىرسى ئاغىنىسىنى يوقلاپ بارماقچى بولۇپ ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىشىغا، بىر ئىت قورۇدىن چىقىپلا ئۇنىڭغا قاراپ قاۋاپتۇ.

      ئۇ كىشى بۇ ئىتتىن قاتتىق قورقۇپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا قورۇدىن ئۇنىڭ ھېلىقى ئاغىنىسى ئۆيدىن چىقىپتۇ ھەم: ‹‹قورقماڭ، سىز ‹قاۋىغان ئىت چىشلىمەس› دېگەن ماقال - تەمسىلنى ئاڭلىمىغانمۇ.

      ــ مەنغۇ ئاڭلاشنى ئاڭلىغان، بىراق...بۇ... بۇ ئىت ئۇ ماقال - تەمسىلنى ئاڭلىغانمۇ دەيسىز؟ ـ دەپتۇ ھېلىقى كىشى چۆچۈگەن ھالدا.

      ھېكمەت: سىرتقى مۇھىتقا بولغان زىيادە سەزگۈرلۈك سىزگە ھېچبىر پايدىسىز بولۇپ، پەقەت سىزنىڭ ئالغا بىر قەدەممۇ باسالماسلىقىڭىزدىكى باھانە - سەۋەبىڭىز بولۇپ قالىدۇ، خالاس.

 

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي