كۈدە (جۈسەي)نى كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن قورۇپ يېسە ياكى قاينىتىپ ئىچسە جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، بەلگە قۇۋۋەت بېرىدۇ، سۈيدۈكنى، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ، زەردە قايناشنى توختىتىدۇ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، كۆكرەكنىڭ ھۆل ھوغۇق كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ، ئۆپكە ئىششىقىنى ياندۇرىدۇ، تالنىڭ سوغۇقلىرىنى ئېچىپ، قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ، قۇلاق ئاغرىقى ۋە قۇلاق غۇڭۇلداشنى يوقىتىدۇ، قان توختىتىدۇ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، تاماق سىڭدۈرىدۇ، كۈدە ئورۇقىنى سوقۇپ مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىچسە، سوغۇقتىن بولغان كېسەللەرگە داۋا بولىدۇ، بەلغەمدىن بولغان توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، تولغاقنى، ئۈچەيدىكى يەللەرنى تارقىتىدۇ، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.