باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

نېمە ئۈچۈن ئاپتوماتىك كىرئالغۇ كىيىمنى پاكىز يۇيالايدۇ؟

      ئائىلىدە ئاپتوماتىك كىرئالغۇ بولسا، كىيىمنى  ھەم ئاسان، ھەم تېز يۇغىلى بولىدۇ؛ كىيىمنى كىرئالغۇغا سېلىپ، سوپۇن پاراشوكى قۇيۇپ، كۇنۇپكىنى بېسىپ قويساقلا يېرىم سائەتتىن كېيىن، كىرئالغۇ كىيىم - كىچىكلەرنى پاكىز يۇيۇپ بولىدۇ.

      كىيىمنى پاكىز يۇيۇش ئۈچۈن ئاۋۋال سوپۇندا يۇيۇپ، ئاندىن سۇ بىلەن چايقاپ، ئاخىرىدا قۇرۇتۇش لازىم. ئاپتوماتىك كىرئالغۇ بۇ ئۈچ قەدەمنى ئاپتوماتىك تاماملىيالايدۇ، ئارىلىقتا، ئۇنىڭغا ‹‹ئارىلىشىش›› ھاجەتسىز. چۈنكى، ئاپتوماتىك كىرئالغۇغا مىكرو كومپيۇتېر ئورنىتىلغان. بۇ خىل مىكرو كومپيۇتېرنىڭ ھەجىمى كىچىك بولۇپ، سەرەڭگە قېپىچىلىكلا بولىدۇ. ئەمما، ئۇ قوماندانلىق بۆلۈمىگە ئوخشاش، پات - پات كىرئالغۇ بۇيرۇق بېرىپ كىر يۇيۇش قەدەم - باسقۇچىنى بىر - بىرىلەپ تاماملايدۇ.

      كىر يۇيۇپ باققانلارغا مەلۇمكى، ئوخشاش بولمىغان رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەرنى يۇيۇش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاشمايدۇ. مەسىلەن، يۇڭ كىيىملەرنى بوش، پاختا رەخت كىيىملەر كۈچەپ يۇيۇلىدۇ؛ ئانچە مەينەت بولىغان كىيىملەرنى ئازراق، بەك پاسكىنا كىيىملەرنى ئۇزاقراق يۇيۇشقا توغرا كېلىدۇ. كىرئالغۇنى لايىھەلىگەندە لايىھەلىگۈچى بۇ تەلەپلەرنى پىروگرامما قىلىپ تۈزۈپ، كىرئالغۇدىكى مىكرو كومپيۇتېرغا كىرگۈزگەن، ئاندىن كېيىن، كىرئالغۇنىڭ سىرتىغا بىرقاتار كونترول كۇنۇپكىسى ئورناتقان كىر يۇيغاندا، كىيىمنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، يۇيۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ، ماس كۇنۇپكىنى بېسىپ قويساقلا، مىكرو كومپيۇتېر كىرئالغۇنىڭ كىيىم - كېچەكلەرنى پاكىز يۇيۇشىغا ‹‹قوماندانلىق›› قىلىدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مېھراي