باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

قىزلار تاماقنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئورۇقلىماسلىقى كېرەك

مۇيەسسەر ئابلىمىت

      كۆپىنچە قىزلار ئورۇقلاش ئۈچۈن ئۆزىنى ئالدى بىلەن تاماقتىن تارتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەتتە قىزلار ئۈچۈن تاماقنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئورۇقلاش خاتا تاللاش ھېسابلىنىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى ئاياللار ساقلىقىنى ساقلاش  بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى، مۇدىر ۋىراچ ۋۇ مىن بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

      ـ تاماق مىقدارىغا چەك قويۇش ئارقىلىق ئورۇقلاشنىڭ قىزلارغا بولغان زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. تاماق مىقدارىغا ھەددىدىن زىيادە چەك قويۇۋالغاندا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن سىرت، بالىياتقۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ، يەنى بەدەن ئۇزاق ۋاقىت يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشى تەدرىجىي ئازلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەيز قالايمىقانلىشىش، تۇخۇمدان زەئىپلىشىش، بالىياتقۇ تارىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ بارا - بارا ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇت ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى ئەتراپىدا مۇۋاپىق دەرىجىدە ماي بولسا بالىياتقۇ ئورنىنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مەزگىل تاماق مىقدارىغا چەك قويۇپ، ئورگانىزملارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە، بالىياتقۇ ئەتراپىدىكى ماي زور دەرىجىدە خوراپ كېتىدۇ - دە، بالىياتقۇمۇ ماتكا دىۋارىنى بويلاپ ساڭگىلاپ، ئېغىر بولغاندا بالىياتقۇ سىرتىغا چىقىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ ياكى بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ.

 

مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر