باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بالىلار كالا سۈتى ئىچسە سۆڭىكى مۇستەھكەم بولىدىكەن

      ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار كۈندە كالا سۈتى ئىچىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ياشانغاندىن كېيىن بەدەن ساپاسى ياخشى بولۇپلا قالماستىن، بەدىنى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەيدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق مەزگىل كالا سۈتى ئىچكەن بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۈچەي راكىغا گىرپتار بولۇش خەۋپى %40 تۆۋەنلەيدىكەن. ئوقۇغۇچىلار كۈندە كالا سۈتى ئىچىشنى ئاز دېگەندە تۆت يىلدىن ئالتە يىلغىچە داۋاملاشتۇرغاندا، ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %20 تۆۋەنلەيدىكەن. ئەگەر ئالتە يىل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ۋاقىت داۋاملاشتۇرسا، ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %40 تۆۋەنلەيدىكەن. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئۇزاق مۇددەت سۈت ئىچكەندە، يۇقىرى سەۋىيەدىكى كالتسىي بەدەن ئىچىدە يىغىلىپ، ئۈچەي، ئاشقازانلارنى زەھەرلىك ئۆت كىسلاتاسىنىڭ زىيىنىدىن ساقلاپ قالىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي