باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ۋاقىت ئاتقان ئوق

يەسىرەم قاسىم

      يىللار دۇلدۇلى نېمىدېگەن تېز چاپقان – ھە! كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۈنۈگۈنكى غەمسىزلىككە تولغان بالىلىق دەۋرىم ئاياغلىشىپ، مانا بۈگۈن ئىستىقبال شوتىسىنىڭ 11 – بالدىقىغا قەدەم قويغان ياشلىق باھارىمنى كۈتۈۋالدىم. تۈنۈگۈنلا ئانامنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلىنىپ، ئايدىڭ ئاخشاملاردا دوستلىرىم بىلەن بالىلىقتىكى ئەڭ قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئويناپ، سەبىي كۈلكىلىرىمنى ياڭرىتىپ، مەھەللىلەرنى چاڭ كەلتۈرگەن بولسام مانا بۈگۈن ئۇلۇغۋار نىشان، بۈيۈك ئارزۇ – ئارمانلار ئۈچۈن يىراقلارغا قانات قاقماقچى بولۇپ، ئىلىم – مەرىپەتتىن ئۆزۈمگە قانات ياساپ ئولتۇرۇپتىمەن. شۇ تاپتا ھەربىر سائەت، ھەربىر مىنۇت، ھەربىر سېكۇنتمۇ مەن ئۈچۈن تۇتىيادۇر. ھەربىر كۈنۈم مەن ئۈچۈن بىباھادۇر.

      تۈنۈگۈن ئەجدادلىرىمىزغا تەۋە. ئۇ ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە ئايلايدى، ھەرگىز كەينىگە قايتمايدۇ. بۈگۈن بىزگە تەۋە. بۇ بىر كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەربىرىمىزنىڭ روھىيىتىگە باغلىق. ئەتە ئەۋلادلىرىمىزغا تەۋە. ئەتىكى كۈننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى بۈگۈن. بۇ بىر كۈندە نېمە قىلىمىز؟ ئۆمۈر بەتلىرىمىزگە نەقىش قىلىپ چېكەلىگۈدەك، تارىخ سەھىپىلىرىگە كۆمۈلمەس ئىزلارنى قالدۇرغۇدەك مەنىلىك ئىشلارنى قىلالىدۇقمۇ ياكى ‹‹ھۇرۇننىڭ ھۈنىرى ئۇيقۇ›› دېگەندەك غەپلەتتىن ئويغانماي ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەربىر مىنۇت ۋاقتىمىزنىڭ قۇربانغا ئايلىنىپ، بىر كۈنىمىز تولىمۇ ئەھمىيەتسىز، مەنىسىز ئۆتكۈزۈۋەتتۇقمۇ؟... بۇ پەقەت ئۆزىمىزگە ئايان، كۆڭلىمىزگە ئايان.

      دەرۋەقە، ۋاقىت ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ قەدىرلىك، تولىمۇ قىممەتلىك، ئۇ ئاتقان ئوققا ئوخشاش مەڭگۈ قايتىلانمايدۇ. يىللار يورغىسى ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى. ئۇ مېنىڭ ئەللەيلىكىمنى، سەبىيلىكىمنى، ئەڭ غەمسىز بالىلىقىمنى ئوغرىلىدى. بۈگۈن ياشلىقىمنى ئوغرىلاۋاتىدۇ. ئەتە ھەم مېنىڭ نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ھاياتنىڭ سىناقلىرىغا شاھىت بولغان ھالسىرىغان جىسمىمنى ئوغرىلايدۇ. بۇ ھاياتنىڭ قائىدىسى، ئۆمۈرنىڭ ھەقىقىتى.

      مەن ھاياتنى سۆيىمەن، جېنىم بىلەن ئەزىزلەيمەن، تېنىم بىلەن قەدىرلەيمەن. بىھۇدە ئۆتكۈزگەن ۋاقتىمنىڭ بوش قالغان ئورنىنى تولدۇرىمەن. بۈيۈك ئارمانلىرىم، يۈكسەك نىشانلىرىم ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن.

      شۇ تاپتا يۈرىكىم ماڭا شۇنداق خىتاب قىلىۋاتىدۇ، ‹‹ۋاقتىڭنى زايە قىلما، بىر مىنۇت، بىر سېكۇنتنىڭ جاۋابىنى مەردانىلىك بىلەن بېرەلەيدىغان بول. ۋاقتىڭنى بىھۇدە پاراڭلارغا، ئەرزىمەس ئىشلارغا ئەمەس، ئىلىم – مەرىپەت ئۆگىنىشكە، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، ياخشى نامىڭنى قالدۇرۇشقا دەسمايە قىل. شۇندىلا ئۆمۈر مەنزىلىڭ نۇرانە بولىدۇ، ئۆمۈر سەھىپەڭدە ئۆچمەس ئىزلىرىڭ قالىدۇ، باشقىلار سېنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ››.

(ئاپتور غۇلجا ناھىيەسى دۆڭمازار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3 – يىللىق 4 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر