(ئىلمىي چۆچەك)
ئادىل ئابدۇراخمان
بىر كۈنى مايمۇنجان دوستلىرى بىلەن مېۋىلىك باغقا ئوينىغىلى بېرىپتۇ. مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن مېۋىلەرنى كۆرگەن مايمۇنجان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى خۇشاللىقىدا مېۋىلىك دەرەخلەرگە يامىشىپ چىقىپتۇ – دە شاخلاردىكى مېۋىلەرنى ھاپىلا – شاپىلا يېيىشكە باشلاپتۇ.
— نېمانچە ئاچ كۆزلۈك قىلىسىلەر؟ ئالدىرىماي يېسەڭلارمۇ يېتىدىغۇ سىلەرگە! — دەپتۇ شاختا ئولتۇرغان سېغىزخان شاراقلاپ.
— شۇنى دېمەمسىز، — دەپتۇ سېغىزخاننىڭ يېنىدىكى شاختا ئولتۇرغان قارا تورغاي، — بۇ مايمۇنلار ئەجەب ئاچ كۆز ئىكەن. گېلىمغا تۇرۇپ قالارمۇ دېمەي ئاغزىغا كەپلەپ تىقىۋاتقىنىنى قارىمامدىغان!
— مۇشۇنداق چاينىماي يۇتۇۋەرسە ئاشقازىنى ئاغرىمامدىكىنە! سېغىزخان قارا تورغاينىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ بېشىنى لىڭىشىتىپتۇ.
— خاتىرجەم بولۇڭلار، بىزگە ھېچنېمە بولمايدۇ. بىز يېمەكلىكنى مۇشۇنداق ھاپىلا – شاپىلا يەيمىز، — دەپتۇ مايمۇنجان قولىدىكى شاپتۇلنى ئۇرۇقىدىن ئاجرىتىۋېتىپ.
— بۇ قىلىقىڭلار پەقەت بولمايدۇ، مايمۇنجان، — دەپتۇ سېغىزخان ئەيىبلەش نەزىرى بىلەن مايمۇنجانغا قاراپ، — يېمەكلىكنى مۇشۇنداق يەپ ئاشقازىنىڭلاردىن ئايرىلىسىلەرغۇ ئاخىر!
— ئەنسىرىمەڭ، — دەپتۇ مايمۇنجان مېۋە يېگەچ كۈلۈپ تۇرۇپ، — بىز يېمەكلىكنى ئالدىراپ ئاغزىمىزغا سالغان بىلەن شۇ ھامان يۇتمايمىز، شۇڭا ئاشقازىنىمىزنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتمەيدۇ.
— قىزىق گەپ بولدى – دە بۇ! قاراپ تۇرسام شۇنچە كۆپ مېۋە يېدىڭلار، يۇتمىساڭلار مېۋىلەر ئاغزىڭلارغا قانداق پاتىدۇ؟ — دەپتۇ قارا تورغاي ھەيران بولۇپ.
— قاراڭلار ئاغزىمغا! — مايمۇنجان ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ئۇلارغا كۆرسىتىپتۇ، — ئېغىز بوشلۇقۇمنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن خالتا بار. بۇ قوۋۇز خالتىسى دېيىلىدۇ. بۇ بىر جۈپ قوۋۇز خالتىسىنىڭ ئاساسلىق رولى ئوزۇقلۇقلارنى ساقلاشتىن ئىبارەت. ئادەتتە سىلەر يېمەكلىكلەرنى تالىشىپ ھاپىلا – شاپىلا يەۋالغانلىقىمىزنى كۆرىسىلەر. ئەمما، بىز يېمەكلىكلەرنى ھەرگىز چاينىماي تۇرۇپ يۇتۇۋەتمەيمىز. بەلكى قوۋۇز خالتىمىزدا ۋاقىتلىق ساقلاپ ئاستا – ئاستا چايناپ يۇمشىتىپ ئاندىن يۇتىمىز.
— ھە، ئەسلىدە يېمەكلىكنى كۆپ يەۋالساڭلارمۇ ئاغرىپ قالماسلىقىڭلارنىڭ سەۋەبى مۇشۇ ئىكەن – دە!
سېغىزخان بىلەن قارا تورغاي مايمۇنجاننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېشىنى لىڭشىتىپتۇ.
— ئەمدىغۇ بىزنى ئاچ كۆز دەپ مەسخىرە قىلماسسىلەر، — دەپتۇ مايمۇنجان شوخلۇق بىلەن ئاغزىغا يوغان شاپتۇلدىن بىرنى سالغاچ.
— ياق، ياق، ھەرگىز ئۇنداق دېمەيمىز، سىلەرنىڭ يېمەكلىك يېيىش ئادىتىڭلارنى چۈشەنمىگەچكە شۇنداق ئويلاپتىمىز، — دېيىشىپتۇ ئۇلار.
(ئاپتور تارباغاتاي ۋىلايەتلىك چېگرا پورتىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدا)