ئازراقلا شۆلگەي سۇيۇقلۇقى بولسىلا تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغان ئانتىتېلانى 20 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدىلا تەكشۈرۈپ چىقالايدۇ. بۇ ئەيدىز ۋىروسىنى ئائىلىدە تەكشۈرەلايدىغان تۇنجى تەكشۈرۈش ئەسۋابى. تەكشۈرتكۈچىلەر ئەمدى دوختۇرغا ئالايىتەن كۆرۈنمىسىمۇ ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى نەچچە كۈن ساقلىمىسىمۇ بولىدىكەن. تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ ئۈستىدە يەنە 24 سائەت ياردەم قىلىدىغان قىزىق لىنىيە تېلېفونى ۋە ئاغرىقنىڭ ئەيدىز كېسىلى ‹‹مۇسبەت نەتىجىسى››نى بىر تەرەپ قىلىدىغان كۆپلىگەن تېببىي مەنبەلەر بىسىقلىق ئىكەن، باھاسى 40 ئامېرىكا دوللىرى.