باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

ئاق چاچنى خالىغانچە يۇلىۋېتىشكە بولمايدۇ

      قېرىمايلا چاچقا ئاق چۈشسە ھەقىقەتەن كىشىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. بەزىلەر بېشىدا ئاق چاچنى كۆرسىلا يۇلۇۋېتىدۇ، بەزىلەر بىرنى يۇلساڭ ئونى چىقىدۇ، دەپ قاراپ ئاق چاچنى يۇلۇۋەتمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر چاچقا ئاق چۈشۈشنىڭ سەۋەبىگە قاراپ، دورا ئىشلەتسە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۇنى خالىغاچە يۇلۇۋېتىشنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: چاچقا ئاق چۈشۈش ھەم تۇغما، ھەم ناتۇغما بولىدۇ، تۇغمىسى ئىرسىيەت جۈملىسىگە كىرىدۇ. ئىرسىيەتلىك چاچ ئاقىرىشمۇ ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، كېسەل سەۋەبلىك چاچ ئاقىرىش بولۇپ، چاچ، قاشلار بىردەك ئاقىرىپ كېتىدۇ. يەنە بىرى، كېسەل سەۋەبسىز چاچ ئاقىرىش بولۇپ، بالىلار ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا چېچى ئاقىرىشقا باشلايدۇ. بۇ ئىككى خىل ئىرسىيەتلىك چاچ ئاقىرىشنى داۋالاش ئادەتتە قىيىن. ناتۇغما چاچ ئاقىرىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

      ناتۇغما چاچ ئاقىرىشقا تولاراق ئېغىر بېسىمغا ئۇچراش ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەب بولىدۇ. خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى ئېغىرلاپ، روھىي جىددىيلىك كۆرۈلسە ئاق چاچ كۆپىيىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ روھىي زەربە زىيادە بولغاندا، ئالايلۇق، ئائىلىدە ئۆلۈم – يېتىم كۆرۈلگەندە، چاچنىڭ ئاقىرىشى تېزلىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، يېمەكلىك تەڭپۇڭسىزلىقى، مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ يېتىشمەسلىكىمۇ چاشنىڭ ئاقىرىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

      ئاق چاچ يۇلۇۋېتىلسە تۈك خالتىسى يەللىگلىنىپ قالىدۇ. كىشىلەرنىڭ تولىسى ئاق چاچنى ئۇدۇللۇق يۇلۇۋېتىدۇ. خەلق ئارىسىدا بىرنى يۇلساڭ چىقىدۇ، دېگەن گەپ بار. مۇتەخەسسىسلەر بۇ گەپنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق، دەپ قاراش بىلەن بىللە، مۇنداق كۆرسىتىدۇ: قارا چاچنى ئاساسەن چاچ خالتىسى يىلتىزىدىكى قارا پىگمېنت ھۈجەيرىسى ئۆستۈرىدۇ، ئىنسان يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چاچ يىلتىزىدىكى پىگمېنت ھۈجەيرىسىنىڭ قارا پىگمېنت ئىشلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ – دە، چاچ ئاقىرىشقا باشلايدۇ. ئاق چاچ يۇلۇۋېتىلسە، ئاق چاچ ئاۋۇپ كەتمىگىنى بىلەن چاچ يىلتىزى زەخىملىنىدۇ، بولۇپمۇ يۇلۇش كۆپەيسە تۈك خالتىسى يەللىگلىنىدۇ. دېمەك، بىر – ئىككى تال چېچىڭىز ئاقىرىپ قالغان بولسا، يۇلۇۋەتسىڭىزمۇ، يۇلۇۋەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن ئاق چاچ بىردىنلا كۆپىيىپ كەتسە، يۇلۇۋېرىش زىيانلىق.

      چاچ بوياشنىڭ يوشۇرۇن زىيىنى كۆپ. چېچى ئاقىرىپ كەتكەنلەر چېچىنى قارا ۋە باشقا رەڭلەردە بويىتىۋالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارايدۇ: چاچنىڭ تەبىئىي بولغىنى ياخشى، چاچ بوياقلىرىنىڭ راك پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق يەكۈن تېخى چىقمىغان بولسىمۇ، بوياقلار تەركىبىدىكى خىمىيىۋى ماددىلار زىيادە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باش تېرىسى مېڭىگە ئەڭ يېقىن بولغاچقا، ئۇ خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىۋەرسە، بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرى مۇقەررەر زەخىملىنىدۇ. بولۇپمۇ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلار چېچىنى بوياتسا بولمايدۇ. چاچ ئاقىرىشقا باشلىغاندا ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، سەۋەبىنى تېپىپ توغرا داۋالىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىگە مىكرو ئېلېمېتلارنىڭ كەم بولۇشى سەۋەب بولغان بولسا، چاچقا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى، ئالايلۇق، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت، بەرەنگى، كولكار قاتارلىق ئوتياشلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم، بۇنداق يېمەكلىكلەر روھىي جىددىيلىك ۋە بېسىمنى پەسەيتىپ، روھىي كەيپىياتنى تەڭشەپ، قايتا قارا چاچ چىقىرىش رولىنى ئوينايدۇ.

 

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر