باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

ھىندىستانلىقلارنىڭ تاماقنى قول بىلەن يېيىشتىكى مەخپىيىتى

     ھازىر ھىندىستانلىقلار ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋېلكا بىلەن تاماق يېيشكە ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىدە يەنىلا قولدا تاماق يەيدىكەن. ‹‹قولدا تاماق يېيىش›› - ھىندىستانلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى تاماق يېيىش ئادىتى. تاماقتىن بۇرۇن قولىنى پاكىز يۇيىدىكەن. ئەگەر ھىندىستانلىقلارنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارسىڭىز، چوقۇم قولدا تاماق يېيىشنى سىناپ بېقىڭ. ھىندىستاندا كۆپ قىسىم كۆكتاتنى ئۇماچ ھالەتتىكى ئېزىپ ئىشلىتىدىكەن. بۇنداق بولغاندا ئۇماچ ھالەتتىكى كۆكتاتنى پوشكالغا ئوراپ ياكى گۈرۈچ تامىقىغا ئارىلاشتۇرۇپ يېگۈلى بولىدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدىغا بىردىن تەخسە قويۇپ، گۈرۈچ تامىقىنى تەخسىگە سېلىپ، قورۇما بىلەن شورپا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن قول ئارقىلىق كۇمىلاچ شەكلىگە كەلتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا قولى بىلەن تۇتۇپلا ئاغزىغا سالىدىكەن. كىچىك ئاشپۇزۇل، كوچىدىكى يايما ۋە ئىبادەتخانىلاردا، ھىندىستان ئەنئەنىسى بويىچە يوپۇرماق ئارقىلىق ياسالغان تەخسىگە تاماق ئۇسۇپ يەيدىكەن. مېنىڭچە بۇ ناھايىتى مۇھىت قوغدايدىغان ئۇسۇل. ھىندىستانلىقلار نەزىرىدە تاماق يېيىشتىكى ھوزۇرى تېگىشىش سېزىمىدىن كەلگەن، ۋېلكا بىلەن چوكا بۇ خىل تۇيغۇغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ خىل ھوزۇرغىمۇ تەسىر يېتىدۇ، ئەڭ مۇھىمى شۇكى قولدا تۇتۇپ يېگەندە تاماقنىڭ تېمپېراتورىسىنى ئالدىن بىلىۋالغىلى بولۇپ، تىل ياكى ئېغىز بوشلۇقىنى كۆيدۈرۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھىندىستانلىقلار تاماقنى ئۈچ بارماقتا تۇتۇپ يېيىشكە ئادەتلەنگەن. ھىندىستانلىقلارنىڭ ئاساسلىق تامىقى قاتلىما ناندىن سىرت يەنە گۈرۈچ تاماق ئىكەن.

      ھىندىستانلىقلارنىڭ تاماق يېيىشىدىكى يەنە بىر قائىدە، مەيلى چوڭلار ياكى بالىلار بولسۇن، چوقۇم ئوڭ قولدا يەيدىكەن، باشقىلارغا نەرسە سۇنغاندىمۇ ئوڭ قولىنى ئىشلىتىدىكەن. چۈنكى ئۇلار ئوڭ قولىنى سول قولىغا قارىغاندا پاكىز دەپ قارايدىكەن. چۈنكى ھىندىستانلىقلار تازىلىق ئۆيىدە تازىلىق قەغىزى سول قولىنى ئىشلىتىدىكەن. تاماقخانىلاردا ياكى ھىندىستانلىقلارنىڭ ئۆيىدە تاماقتىن كېيىن كىچىك پىيالىغا لىمون پارچىسى سېلىپ ئەكېلىپ بېرىدىكەن، بۇ لىمون سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى تاماقتىن كېيىن قولنى چايقاشقا ئىشلىتىدىكەن. تاماقتىن كېيىن يېشىل رەڭلىك بۇغداي دانىچىسىدەك خۇشبۇي ماددا بېرىدىكەن، بۇنى ئېغىزدىكى پۇراقنى يوقىتىش ئۈچۈن تاماقتىن كېيىن چاينايدىكەن. بىر قىسىم ئادەملەر ھىندىستانلىقلارنىڭ تاماق يېيىش ھالىتىنى كۆرۈمسىز دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ياۋروپالىقلارنىڭ ۋېلكا، چوكىدا تاماق يېيىش ئادىتىگە ئوخشاش ئۆرپ - ئادەتتۇر، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.

      ھىندىستاننىڭ كاررىي تامىقى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھىندىستاننىڭ ھاۋا كېلىماتى پىژغىرىم ئىسسىق بولغاچقا، يەرلىكلەر كاررىي تامىقى ۋە خام پىياز يېيىشكە ئادەتلەنگەن. بۇ خىل ئوزۇقلىنىشنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى ناھايىتى زور. ئۇزۇندىن بۇيان ئۇلار قايناتمىغان سۇنى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. ئادەتتە ھىندىستاندىكى ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانا ۋە تاماقخانىلارغا بارغاندىمۇ ساياھەتچىلەرگە ئەڭ ئاۋۋال بىر ئىستاكان سۇ بېرىدۇ. ئادەتتە غەربلىكلەر بۇنداق ئەھۋالنى تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىك دەپ قارايدۇ، لېكىن ھىندىستانلىقلاردەك بەدەۋى تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلىرى مۇھىتقا ماسلاشقان بولۇپ، بۇ خىل تائاملىنىش ئادىتى ناھايىتى مۇستەھكەم بولغان ئىممۇنىت كۈچىنى شەكىللەندۈرىدىكەن. ھىندىستانلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، شۇڭا ئېتىقاد ئۇلارنىڭ تائام مەدىنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. ھەممىمىزگە ئايانكى، ھىندىستانلىقلار كالىنى مۇقەددەس بىلىدۇ. نۇرغۇن كالىلار كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرگىنى بىلەن، لېكىن ئاشخانا، يىغىلىش سورۇنلىرىدا ھەرگىزمۇ كالا گۆشى ئىستىمال قىلىنمايدۇ. ئەگەر ھىندىستاندا ماكدونالد تېز تاماقخانىسىغا كىرىپ كالا گۆشلىك ھامبۇرگ بولكىسى بارمۇ دەپ سوراپ قالماڭ. چۈنكى ئۇ يەردا پەقەتلا قوي گۆشلىك ھامبۇرگ بولكىسى بار ئىكەن. ئەگەر ئۇ يەردىكى چەتئەللىكلەر كالا گۆشى يېگۈسى كەلسە، مۇسۇلمانلارنىڭ مەخسۇس گۆش سېتىش دۇكىنىغا بېرىپ سېتىۋېلىپ، ئاندىن ئۆيىگە ئاپىرىپ پىشۇرۇپ يەيدىكەن.

      ھىندىستاندا گۆش يېمەيدىغانلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن. ھىندىستانلىقلارنى تاماققا تەكلىپ قىشتىن بۇرۇن، ئوڭايسىزلىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال شۇ كىشىنىڭ گۆش يېيىش - يېمەسلىكىنى ئېنىقلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن تاماققا تەكلىپ قىلىدىكەن. ھىندىستان دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سۈت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت. سۈت ھىندىستانلىقلارنىڭ يېمەكلىكىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ھەركۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سۈت سېتىش پونكىتلىرىدا سۈت سېتىۋالغىلى كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. كۆپ قىسىم ھىندىستانلىقلارنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىلىقى بىر پىيالە چاي بىلەن بىر نەچچە پېچىنە، چېيىغا سۈت بىلەن قەنت قوشۇپ ئىچىدۇ. دېلې كۆكتات بازىرىدا، سۈت پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى سېتىۋالغىلىمۇ بولىدىكەن. ھىندىستانلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى تاتلىق يېمەكلىكى پىشلاقتىن ۋە شېكەردىن ياسالغان.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر