باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

تاغام دادام بولۇپ قالسىچۇ

ئىنتىزار تاجامەت

      مەكتەپتىن قايتىپ سودىلىق قىلغىلى بارماقچى ئىدىم. ھاۋا بەك سوغۇق بولغاچقا رايىمدىن يېنىپ ئۆيگە ئالدىراپ قايتتىم. ئۆينىڭ ئالدىغا كەلسەم تاغام دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپتۇ. سوغۇقتا تاغامنىڭ يۈزى خۇددى ئالمىدەك قىزىرىپ كەتكەنىدى. مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ:

      — تاغا، سوغۇقتا تۇرۇپسىزغۇ؟ – دېدىم. تاغام:

      — ئارمانجان ئۇكاڭ كەلمەيۋاتىدۇ بالام، شۇڭا يولىغا قاراپ تۇرغان، – دېدى.

      — ئەنسىرىمەڭ تاغا، ھېلىغىچە كېلىپ قالار، – دېدىم – دە تاغامنى ئۆيگە ئېلىپ ماڭدىم. تاغامنىڭ كۆزىدىن ئاتىلارغا خاس مېھىر – مۇھەببەت، كۆيۈنۈشنى ھېس قىلىش قىيىن ئەمەس ئىدى. قەلبىمنى ئاچچىق بىر قايغۇ چىرمىۋالدى. كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ ھۇجرامغا كىرىپ كەتتىم. شۇئان بىر يۇرتتا ياشاۋاتقان، پات – پات كوچىلاردا ئۇچرىشىپ قالىدىغان، ئالدىغا بارساممۇ قەستەن تونۇماسقا سېلىۋېلىپ كېتىپ قالىدىغان دادام ئېسىمگە كەلدى. ‹‹داداممۇ مېنى ئويلارمۇ؟ مەندىن ئەنسىرەرمۇ؟ تاغامغا ئوخشاش....›› ياق، ئۇ ئۇنداق قىلمايدۇ، ئەگەر مېنى ئويلىغان، سېغىنغان بولسا ئىزدەپ كېلىپ باغرىغا باسقان بولاتتى، ئازغىنە بېقىش ھەققىنىمۇ باشقىلارغا ھاۋالە قىلماستىن ئۆزى ئەكېلىپ مېنى كۆرۈپ كەتكەن بولاتتى. شۇلارنى ئويلاپ كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز مارجاندەك ياشلار تۆكۈلدى. ئۆزۈمنى بەزلەپ، نەملەشكەن كۆزلىرىمنى يوشۇرۇپ، تاماق يېگىلى تاغاملارنىڭ يېنىغا چىقتىم (دادام بىزنى تاشلاپ كەتكەندىن كېيىن ئاپام بىلەن ئىككىمىز تاغامنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقانىدۇق). تاغام ئارمانجان ئۇكامنى ئەركىلىپ ئولتۇراتتى.

      — كەل قىزىم، تاماق يەيلى، – دېدى تاغام مېنى ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرۇشقا ئىشارە قىلىپ. تاغامنىڭ كۈلۈمسىرەشلىرى كىشىگە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇراتتى. ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ تاشلىدىم. نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قالغان تاغام يېنىمغا كېلىپ:

      — نېمە بولدۇڭ قىزىم، بايا بىر ئوبدان ئىدىڭغۇ؟ مەكتەپتە بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ – دېدى ۋە ياداڭغۇ قوللىرى بىلەن بېشىمنى سىلىدى. مەن تېخىمۇ ئېسەدەپ يىغلاشقا باشلىدىم، تاغام:

      — يىغلىما بالام، سەن يىغلىساڭ بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز يېرىم بولىدۇ، قانداق ئىش بولسا ماڭا دېگىن، – دېدى. تاغامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ غەش قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ يېشىمنى سۈرتتۇم. ‹‹تاغا، دادام بولۇپ قالغان بولسىڭىز قانچە ياخشى بولاتتى – ھە!›› دېگەنلەرنى ئويلىدىم.

(ئاپتور تېكەس ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3 – يىللىق 13 – سىنىپتا)

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر