باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

ئانا كۆيۈمچان بولسا بالا ئەقىللىق بولىدۇ

      بالىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئانىلارنىڭ بالىلارغا بېرىدىغان ھېسسىياتى غەمخورلۇق بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن. ئالىملار بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدىكى، ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان ئادەتتىن تاشقىرى غەمخورلۇقى پەرزەنتلىرىنىڭ مېڭە قىسمىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى بەلگىلەيدىكەن. تەتقىقاتچىلار ئۈچ ياشلىق ئىككى بالىنىڭ مېڭە قىسمىنىڭ تەسۋىرىي كۆچۈرۈلگەن ئىسخېمىسىنى سېلىشتۇرۇپ، بىرىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يەنە بىرىگە قارىغاندا خېلىلا چوڭ ئىكەنلىكىنى ھەمدە مېڭە قىسمىدىكى داغ نۇقتىلىرى ۋە قاراڭغۇ دائىرىنىڭمۇ نىسبەتەن كىچىكلىكىنى بايقىغان.

      نېرۋا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مۇنداق دەيدۇ: بۇ خىل زور پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل ئىككى ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىگە تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن ئىبارەت. ئەنگلىيە ‹‹يەكشەنبىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى تولۇق بولغان بالىنىڭ كۆيۈمچان ئانىسى بولۇپ، ئۇ بالىسىنىڭ تەلىپىنى ۋاقتىدا قاندۇرۇپ تۇرىدىكەن. ئەكسىچە، مېڭىسى كىچىك بولغان بالا ئېغىر ھالدا چەتكە قېقىلىدىكەن، ھېچكىم ياقتۇرمايدىكەن. تەتقىقاتتىن ئايان بولۇشىچە، چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولغان بالىنىڭ تەسۋىرى كۆچۈرۈلگەن ئىسخېمىغا سېلىشتۇرغاندا يېتىلىشى كېچىككەن بالىنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى كەمتۈكلۈك مېڭىسىدە بولۇپ ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىكەن. بۇ خىل كەمتۈكلۈكنىڭ ئاقىۋىتى يامان بولىدىكەن.

      مېڭىسى ياخشى تەرەققىي قىلغان بالىلار تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىكەن. ئۇلاردا باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان كۆيۈنىدىغان ئاڭ كۈچلۈك بولىدىكەن. ئىجتىمائىي ئىقتىدارى يېتىلىدىكەن.

      مېڭىسى نىسبەتەن كىچىك بولغان بالىلار ئاجىزلىشىپ، زەھەرگە بېرىلىپ، زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە چېتىلىپ قېلىشى، ئىشسىز قېلىپ، دۆلەتنىڭ پاراۋانلىق سىياسەتلىرىگە تايىنىپ جان بېقىش ھالىتىگە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئانىنىڭ بالىغا كۆيۈنمەسلىكى بالىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە چوڭ زىيان يەتكۈزىدىكەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر