باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئۆسمۈر ناخشىسى

بۇو

ھۈسەن تۇردى (تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز)

      بۇلتۇر 3 – ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى نورۇزلۇق سەنئەت كېچىلىكىدە ‹‹ئازاد زامان›› دېگەن ناخشىنى ئورۇنداپ ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرغان غۇلجا ناھىيەسى ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 3 – يىللىق 2 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى، دېھقان قىزى ئىلمىنۇر تاشمۇھەممەت دەستە – دەستە گۈللەرنى تاپشۇرۇۋالغاندا ھاياجاندىن يىغلىۋەتتى. ‹‹شىنجاڭ بۇلبۇلى›› دەپ نام ئالغان ئاتاقلىق ناخشىچى پاشا ئىشان ھەدە ئۇنىڭ پېشانىسىگە مېھىر بىلەن سۆيۈپ: ‹‹يۇقىرى ئاۋازلىق بۇ ناخشىنى ناھايىتى ئوبدان ئېيتتىڭىز، سىزدىن پەخىرلىنىمەن، يەنىمۇ تىرىشىڭ›› دەپ ئۇنىڭغا مەدەت بەردى. يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئىلمىنۇرغا كېلىدىغان تەبرىك خېتى ۋە تېلېفونلارنىڭ ئايىغى ئۇزۈلمىدى. ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن ئىلمىنۇرنىڭ قەلبىدىكى ھەۋەس ئوتى تېخىمۇ يېلىنجاپ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئارزۇسى ھەسسىلەپ ئاشتى.

      كۈي چەشمىلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئىلمىنۇر كىچىكىدىنلا ناخشا ئاڭلاشقا ھېرىسمەن ئىدى. ھەر كۈنى كەچتە ئانىسىنىڭ ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلىمىسا زادى ئۇخلىمايتتى. ئۈچ ياشقا كىرگەندە رادىيو، تېلېۋىزوردىكى ناخشىچىلارنى دوراپ ناخشا ئېيتالايدىغان بولدى. دادىسى قىزىدىكى بۇ تالانتنى بايقىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاددىي بالىلار ناخشىلىرىنى ئۆگەتتى، دۇتار چېلىپ ناخشىسىغا تەڭكەش قىلىپ بەردى. مەھەللىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ خەلق ناخشىلىرىنى ئۆگەتتى، مەشرەپلەرگە بىللە ئېلىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن ئىلمىنۇر خېلى يۇقىرى سەۋىيەدىكى خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتالايدىغان، ‹‹ئۆسمۈر ناخشىچى›› دەپ تەرىپلىنىدىغان بولدى.

      ئىلمىنۇر مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن تىرىشىپ ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى. ھەر كۈنى ئەتىگەن تۇرۇپ خەنزۇچە تېكىست يادلاش بىلەن بىللە يېرىم سائەت ئاۋاز مەشىقى قىلدى. تاپشۇرۇقلىرىنى مۇستەقىل، ئەستايىدىل ئىشلىدى. ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ۋە ئېتراپ قىلىشىغا ئېرشتى. ئۇ مەكتەپنىڭ ئىككىنچى دەرسخانا، سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە ساۋاقداشلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئەترەت كۈنىدە ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردى.

      ئىلمىنۇر ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر›› بولۇپ باھالاندى. 2008 – يىلى ئوبلاست بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە 3 – دەرىجىگە ئېرىشىپ تالانتىنى تۇنجى قېتىم چوڭ سەھنىلەردە جارى قىلدۇردى. 2010 – يىلى ئوبلاست بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹سۇلتان لوڭقىسى››نى تالىشىش ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسدە ‹‹كۆچ – كۆچ›› ناخشىسىنى ئېيتىپ 1 – دەرىجىگە ئېرىشىپ مەكتىپىگە شەرەپ ئېلىپ كەلدى. بۇ يىل شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹قامەت – تالانت سەھنىسى›› پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ ‹‹بىزنىڭ ناخشىمىز›› دېگەن ناخشىنى ئورۇنداپ ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى ھەم ‹‹يىللىق سالاپەتلىك بالا چولپان›› شەرىپىگە ئېرىشتى. ئاتاقلىق مۇقامچى ئابلىز شاكىر ئاكا نەق مەيداندا ھاياجانلانغان ھالدا: ‹‹شۇ تاپتا قولۇمدا ئالتۇن مېدال بولغان بولسا بۇ ئوماق قىزغا ئۆز قولۇم بىلەن تاقاپ قوياتتىم›› دېدى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر