باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

خىلۋەت ماكاننىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلانغان رىشتە

نىياز راخمان

      - مۇئەللىم، سىز ئۈچىنچى بالىڭىزنىمۇ پىداگوگىكا ئونۋىرسېتىتىدا ئۇقۇتماقچىمۇ؟

      - شۇنداق، بۇ بالامنىمۇ پىداگوگىكا ئونۋىرسېتىتىدا ئۇقۇتماقچى، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىمۇ ھەم شۇنداق.

      - ھازىر ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتى شۇنداق جاپالىق تۇرسا، ئالدىنقى ئىككى بالىڭىزنى پىداگوگىكا ئونۋىرسېتىتىدا ئۇقۇتقان تۇرسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىڭىزمۇ بىر ئۆمۈر مائارىپنىڭ جاپاسىنى تارتقان تۇرسىڭىز، ئاڭلىسام بۇ بالىڭىز ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا 522 نومۇر ئاپتۇ، بۇنداق يۇقۇرى نومۇر بىلەن خېلى داڭلىق ئالى مەكتەپلەرگە كىرەلەيدىغان تۇرسا؟ نېمە دەپ باشقا كەسپتە ئوقۇتماي يەنە مائارىپ كەسپىنى تاللىدىڭىز؟ ھېچ بولمىسا بىرەر بالىڭىزنى دوختۇرلۇق كەسپىدە ئۇقۇتسىڭىز بولمامدۇ؟

      - شۇنداق، مەن مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 34 يىل بوپتۇ. مائارىپنىڭ جاپاسىنىمۇ تارتتىم، نۇرغۇنلىغان شان- شەرەپلەرگىمۇ ئېرىشتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بالام ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا خېلى يۇقىرى نومۇر ئالدى، ئەلۋەتتە دوختۇرلۇق ۋە باشقا كەسىپلەردە ئۇقۇتساممۇ بولىۋېرەتتى. لېكىن مېنىڭ پەرزەنتلىرىمنى يەنىلا مائارىپ كەسپى بىلەن شۇغۇللاندۇرۇش ئارزۇيۇم بار. چۈنكى، مەن ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىنى ياخشى كۆرىمەن، مېنىڭ تەسىرىمدىنمۇ ياكى بالىلىرىممۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئائىلىسىدە تەربىيلىنىپ چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ، بالىلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇقۇتقۇچىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ.

 

رەھمۇتۇللا ئىمىر خىزمەت ئۈستىدە

      مانا، كۇچا ناھىيە بازىرىدىن 75 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆز كەسپداشلىرى بىلەن قىلىشقان سۆھبىتى.

      ئۇنداق بولسا، مائارىپ خىزمىتى، بۇلۇپمۇ بىر ئۆمۈر ئەجىر - مېھنەت سىڭدۈرگەن، ئۈچ پەرزەنتىنى ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندۇرۇش مەقسىدىدە مەخسۇس پىداگوگىكا ئونۋىرسىتېتىدا تەربىيلەۋاتقان بۇ پىشقەدەم باغۋەن كىمدۇ؟ ئۆزىنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن 30 نەچچە يىل مۇشۇ جاپالىق خىزمەت ئورنىدا ئۈن-تىنسىز ئىشلەپ كېلىۋاتقان بۇ پىشقەدەم ئۇقۇتقۇچى- كۇچا ناھىيە خانىقاتام ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۈجىسى، ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى رەھمۇتۇللا ئىمىر بولىدۇ.

      يولداش رەھمۇتۇللا ئىمىر خانىقاتام يېزىسىنىڭ ئاقشەھەر كەنتىدە نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتى دەل 10 يىللىق مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى (1966 - 1976) دەۋرىگە توغرا كەلگەن بولغاچقا تۈرلۈك ئاممىۋى ھەركەتلەر تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتە سېستىمىلىق تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. شۇنداق بولسىمۇ، 1977 - يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، كەينى- كەينىدىن ئۈچ نۆۋەت ئالى، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئاخىرى 1979 - يىلى 9 - ئايدا سابىق ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئەۋزەل خىزمەت ئۇرۇنلىرىدىن ۋاز كېچىپ، شەرت- شارائىتى جاپالىق بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىغا، ئانا مەكتىپىگە كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشنى تەلەپ قىلىپ، 1981 - يىلى 9 - ئايدا ئانا مەكتىپى- خانىقاتام ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆزىنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلىدى.

      1981 - يىلى 9 - ئايدىن 1993 - يىلى 3 - ئايغىچە ئىككى قارار تولۇقسىز سىنىپىغا، بىر قارار تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مەسئۇل بولدى، بولۇپمۇ، 1984 - يىلى ئۇ مەسئۇل بولغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان ئالى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى ماڭدۇرۇلماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان 15 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن يەتتە نەپىرى شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەرگە، بەش نەپىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا تېخنىكوملارغا ئوقۇشقا بېرىپ، خانىقاتام يېزىسىدا زور تەسىر قوزغاپ، ئۆزىنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىكى تۇنجى غەلبىسىنى ھەم ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

      يولداش رەھمۇتۇللا ئىمىرنىڭ خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقى ۋە ئەستايىدىللىقى ئەينى ۋاقىتتىكى مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ھېمايىسىگە ئېرىشتى. 1983 - يىلى يىل بېشىدا مەكتەپ تەشكىلى يولداش رەھمۇتۇللا ئىمىرنى مەكتەپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۈجىلىقىغا تەيىنلىدى. يولداش رەھمۇتۇللا ئىمىر ئىتتىپاق خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىغا يەنىمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، مەكتەپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىنى يىل ئاخىرىدا ‹‹ناھىيە دەرىجىلىك ئىلغار ئاساسى قاتلام ئىتتىپاق ياچېيكىسى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ناھىيىدە ئېچىلغان ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلتىيىدا تەجرىبە تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. 

      1983- يىلى كۈزدە يولداش رەھمۇتۇللا ئىمىرنىڭ كەسپى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مەكتەپ رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئەزالىقىغا تولۇقلاپ كىرگۈزۈپ، تەبىئىي پەن ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىقىغا بەلگىلىدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا يولداش رەھمۇتۇللا ئىمىر ئۆزىنىڭ كەسپى ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش قابىلىيىتىگە تايىنىپ تەبىئىي پەن ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئۇقۇتقۇچىلارنى تۈرلۈك تەتقىقات پائالىيىتىگە تەشكىللەپ، مەكتەپنىڭ تەبىئىي پەنلەر ئوقۇتۇشىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى ئاستا - ئاستا ئوڭشاش ئارقىلىق، تەبىئى پەن ئىلمى نەتىجە ئۇدا تۆۋەن بولۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتتى.

      رەھمۇتۇللا ئىمىرنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىدىكى بىر قاتار نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، مەكتەپ تەشكىلى 1988 - يىلى مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈم ئەزاسى قىلىپ بەلگىلىدى، ھەم 1990 - يىلى كۈزدە مۇئاۋىن ئىلمىي مۇدىرلىققا تەيىنلىدى. ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى ھىس قىلغان بۇ تىرىشچان باغۋەن مەكتەپنىڭ ئۇقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەم ئۆزىنىڭ ئۇقۇ- ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش جەھەتتىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، دەرسخانا ئۇقۇتۇش ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى باھالاشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، دادىللىق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ باردى. بۇ جەھەتتىكى ئىشلىگەن خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى 1993 - يىلى ئەتىيازدا يولداش رەھمۇتۇللا ئىمىرنى مەكتەپنىڭ باش ئىلمىي مۇدىرى قىلىپ بەلگىلىدى. 1993 - يىلىدىن 1998 - يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدىكى ئىلمى مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا مەكتەپ مۇدىرىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى ئىلمى پىلانلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە ئوبېكتىپ، ئادىل باھا بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت ئىشلەيدىغان، ئىلغارلىقنى تالىشىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندى.

       1998 - يىلى 12 - ئايغا كەلگەندە، يولداش رەھمۇتۇللا ئىمىرنىڭ باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەش جەھەتتىكى قابىليىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش يۈزىسىدىن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ناھىيىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى سابىق يېڭىيەر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىغا بەلگىلىدى.

      ئەسلىدىمۇ جاپالىق شارائىتتا خىزمەت ئىشلەۋاتقان يولداش رەھمۇتۇللا ئىمىر خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتى تېخىمۇ جاپالىق بولغان، يېزا بازىرىدىن 10 كىلومېتىر، ناھىيە بازىرىدىن 88 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇرۇلغىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان، ئوقۇتۇش ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرى يوقنىڭ ئورنىدىكى يېڭىيەر ئوتتۇرا مەكتەپكە ھېچ ئىككىلەنمەي بېرىپ يېڭى خىزمەت ئورنىدىكى جاپالىق خىزمىتىنى باشلىدى.

      بىر ئائىلىنىڭ روناق تېپىپ، گۈللەپ – ياشنىشى ئۇنىڭ ئائىلە باشلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنىدەك، ھەرقانداق بىر ئىدارە ئورگاننىڭمۇ تۈرلۈك كەسپىي خىزمەتلەردە كۈنسېرى ئالغا يۈكسىلىپ ، شان-شەرەپلەر بابىدىن ئورۇن ئېلىشى–ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قابىل - تەدبىرلىك رەھبىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەلۋەتتە.

      يولداش رەھمۇتۇللا ئىمىر يېڭى خىزمەت ئورنىغا بارغاندىن كېيىن، ئەھۋالنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچىلارنى خاتىرجەم خىزمەت شارائىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي شارائىتىنى ياخشىلاشنىڭ لازىملىقىنى تونۇپ يەتتى. چۈنكى، بۇ مەكتەپتە 30غا يېقىن ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچى بولۇپ، كۆپچىلىكى سىرتقى يېزا- بازاردىن كەلگەن ياشلار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئولتۇراق ئۆيلىرى كەنتنىڭ كونا ئامبىرى ۋە ئىشخانىلىرى بولۇپ، كېسەك بىلەن سېلىنغان بۇ ئۆيلەر ئاللىبۇرۇن خەتەرلىك ھالەتكە كېلىپ قالغان، تاملىرىغا ياغاچتىن تىرەك يۆلەپ قويۇلغان، ئۈستىدىن ھە دىسىلا يامغۇر ئۆتۈپ كېتىپ، خاتىرجەم ئارام ئالغىلى بولمايتتى. مۇشۇنداق شارائىتتا ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتىقىنى ياخشىلىماي تۇرۇپ، ئۇلارغا خىزمەت توغرۇلۇق ئارتۇق تەلەپ قويغىلى بولمايتتى.

      يۇقىرىقى ئەھۋالنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىزدەپ، ئۇلارنىڭ قوللىشى بىلەن 2000 - يىلى كۈزدىن باشلاپ ، ئوقۇتقۇچىلارغا ئولتۇراق ياتىقى سېلىندى. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار دەسلەپكى قەدەمدە يولداش رەھمۇتۇللا ئىمىرنىڭ خىزمەت ئىشلەش ئۇسۇلى، مەكتەپ باشقۇرۇش قابىلىيىتىگە قايىل بولدى.

      شۇنداق قىلىپ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئالتە سىنىپ، ئۇقۇتقۇچىلار ياتىقى ئۈچۈن 10 ئېغىزلىق ئۆي، ئوقۇتقۇچىلار ياتىقى ۋە ئىشخانا بولۇپ جەمئىي 670 كۇادرات مېتىردىن كۆپ قۇرۇلۇش 2000 - يىلى كۈزدە باشلىنىپ،  2002 - يىلى كۈزدە پۈتۈپ مەكتەپنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇلدى. ئولتۇراق ئۆي ۋە يېڭى خىزمەت شارائىتىغا ئېرىشكەن ئۇقۇتقۇچىلار يولداش رەھمۇتۇللا ئىمىرغا تېخىمۇ قايىل بولۇپ، ئۆز خىزمەتلىرىنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەشكە باشلىدى.

      بۇ جەرياندا يولداش رەھمۇتۇللا ئىمىر مەكتەپنىڭ ئىقتىسادى مەنبەسىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، يېزىلىق پارتكوم ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇللار بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تەۋەلىكتىكى ھەر قايسى كەنتلەردىن مەكتەپكە مۇۋاپىق تېرىلغۇ يەر ھەل قىلىش توغرىسىدا دوكلات يېزىش ئارقىلىق، ھەر بىر كەنتتىن ئۈچ مودىن 15 مو يەر ھەل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ ئەسلىدىكى تېرىلغۇ يېرى بىلەن جەمئىي 120مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يېرى بار بولدى.

      مەكتەپنىڭ خىزمەت شارائىتى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنىڭ بىر قەدەر ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇ - ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پۈتۈن سەپ بويىچە يېتەكلەپ، ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە خىزمەتنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئىشلەيدىغان، ئۆز- ئارا رىقابەتلىشىپ نەتىجە يارىتىشنى تالىشىدىغان جۇشقۇن كەيپىيات يارىتىلدى. زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قىسقىغىغا بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇلغىنغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بۇ مەكتەپنى ئائىلە، ياتاق، خىزمەت بىناسى، ئوقۇ- ئوقۇتۇش سىنىپلىرى ۋە ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر تولۇق بولغان خېلى مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپكە ئايلاندۇردى.

      ‹‹ئىشلىگەننىڭ يۈزى يۇرۇق›› دېگەندەك يولداش رەھمۇتۇللا ئىمىرنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي ئىشلەشتەك روھى ئەتراپتىكى كىشىلەر ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ كۆپ قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. يەنى 1987 - يىلى 12 - ئايدا شەرەپ بىلەن جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيسىگە ئەزا بولدى. 1985 - يىلىدىن 2006 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خانىقاتام يېزىلىق 8 -، 10 -، 11-، 12-، 13-قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ، 11 -،  12-، 13 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ، كۇچا ناھىيلىك 9 -، 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بۇلۇپ سايلاندى.

      شان - شەرەپ ھامان ئىزدەنگۈچىلەرگە، تىرىشقانلارغا مەنسۇپ بولىدۇ، رەھمۇتۇللا ئىمىر يۇقىرىقىدەك ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ يېزا، ناھىيە ۋە ۋىلايەت تەرىپىدىن 25 قېتىمدىن ئارتۇق ‹‹ئىلغار خىزمەتچى››، ‹‹ مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى››، ‹‹ ئاساسىي قاتلام مائارىپ سېپىدىكى تۆھپىكار باغۋەن››، ‹‹تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىساتچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس›› قاتارلىق ناملار بىلەن ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن تەقدىرلەندى.

      يۇقۇرىقىدەك نەتىجە، شان - شەرەپكە ئېرىشكەن بۇ ئۇقۇتقۇچى ھازىر خانىقاتام ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۈجىلىق ۋەزىپىسىنى بىجاندىللىق بىلەن ئىشلەپ مەكتەپنىڭ سىياسىي- ئىدىيىۋى خىزمىتى ۋە ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلماقتا.

 

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى تەھرىر: ئاينۇر