باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

قىزارتىپ پىشۇرۇلغان تاسما بېلىق

 

      ماتېرىيالى: تاسما بېلىق، ھۆل زەنجىۋىل، قىزىلمۇچ چانالمىسى، سامساق، سۇڭپىياز تەم خۇرۇچلىرى: جىياڭيۇ، تۇز، ئاق مۇچ، كاۋاۋىچىن، كراخمال

      تەييارلاش ئۇسۇلى: ئاۋۋال بېلىقنى پاكىز تازىلاپ، 4 - 5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا پارچىلىۋالىمىز، سامساق، سۇڭپىيازلانى ئۇششاق توغرايمىز. چوڭراق قاچىغا پارچىلانغان بېلىقنى سېلىپ ئۈستىگە تۇز، جىياڭيۇ، كاۋاۋىچىن، ئاق مۇچ، زەنجىۋىل، سۇڭپىياز، كىراخمال قاتارلىقلارنى سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ دۈملەپ قويىمىز. ئەگەر قىزارتىپ پىشۇرماقچى بولساق، يەنە بىر قاچىغا قىزىلمۇچ چانالمىسى، سامساق، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن، جىياڭيۇ، تۇز قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ سېلىپ، تەييارلاپ قويىمىز. ئاندىن قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ، قىززىغاندا دۈملەنگەن بېلىقنى مايغا سېلىپ، قىزارتىپ ئېلىۋالىمىز. كەينىدىن، قازانغا يەنە ئازراق ماي قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساق قاتارلىقلارنى سېلىپ بىرلا قورۇپ ئۈستىگە قىزارتىلغان بېلىق بىلەن تەييارلاپ قويغان ئارلاشتۇرمىنى سېلىپ، ئۈستىگە ئازراق شورپا (شورپا بولمىسا، سۇ قۇيساقمۇ بولىدۇ) قۇيۇپ، بوش ئوتتا 10 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ، پىشقاندا قاچىغا ئېلىپ، ئۈستىگە ئازراق سۇڭپىياز سېپىۋىتىپ، ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو شىنجاڭ تارماق تورى تەھرىر: ئاينۇر