باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

چاچنىڭ  ئاقىرىپ  كېتىشىنىڭ  ئالدىنى  ئېلىشتىكى  توققۇز  خىل  ئەپچىل  چارە

      ھەر بىر ئادەم قاپقارا، چىرايلىق چېچىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ساغلام بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق چاچنىڭ ئاقىرىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرگەندىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكى توققۇز خىل ئەپچىل چارە سىزنىڭ چېچىڭىزنىڭ ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

      1. بېسىمنى يوقىتىش، ئامېرىكا تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بايقىشىچە، ئادەم ئۇزاق ۋاقىت بېسىمغا ئۇچرىسا، چاچنىڭ ئاقىرىشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن. شۇڭا كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىنى ئازادە تۇتۇش كېرەك ئىكەن. مەسىلەن: يۇيۇنۇش، مۇزىكا ئاڭلاش قاتارلىقلار بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ.

      2. تاماكا تاشلاش، شىياڭگاڭ تاماكا چېكىش ۋە ساغلاملىق كومىتېتى 600 دىن ئارتۇق 30 ياشتىن يوقىرى تاماكا چەككۈچىلەرگە قارىتا تەھىلىل ئېلىپ بېرىپ، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ چېچىنىڭ ئاقىرىش نىسبىتىنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا تۆت ھەسسە يوقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا تاماكا تاشلاش چاچ ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىرىنچى قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

      3. سۇ تولۇقلاش، بەدەندە سۇ كەمچىل بولسا، چاچقا كېرەكلىك بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلار تۈك خالتىسىغا يېتىپ بارالمايدۇ. ھەر خىل مايدا پىشۇرغان. ئاچچىق يېمەكلىكلەر بەدەننىڭ سۇسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئاز يىيىش، قىشتا ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش لازىم.

      4. تەركىبىدە مىس بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش، بەزىدە ئاق چاچنىڭ بولۇشى سىزنىڭ يېمەك – ئىچمىكىڭىزدە مىسنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن بولىدۇ. شۇڭا پىچەكگۈل، پەمىدۇر، پالەك، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ھەر كۈنى ئازراقتىن ئىستىمال قىلىپ بېرىش لازىم. بىر قىسىم مىۋىلەر تەركىبىدىمۇ مىس مول، مەسىلەن: قارا بۆلجۈرگەن، ئانار قاتارلىقلار.

      5. يۇد تولۇقلاش، لامنارىيە 海带، قىزىل دېڭىز يۇسۇنى قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە يۇدلار مول، پالەك تەركىبىدە مىس، تۆمۈر، يۇد قاتارلىقلار مول بولۇپ، چاچ قارايتىشتىكى ئىسىل مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.

      6. ئاقسىل تولۇقلاش، چاچنىڭ ئاساسلىق تەركىبى تەركىبىدە گۈڭگۈرتلۇك ئامىنۇ كىسلاتا بولغان ئاقسىلدىن ئىبارەت. شۇڭا پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، ئۇرۇق گۆشنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىش، تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، كۆپلىگەن قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر، رەڭلىك يېمەكلىكلەر (قىزىل، سېرىق، سۆسۈن)نىڭ تەركىبىدە ئۈسۈملۈك تېنى بىلەن قۇياش نۇرىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن پېگمېنىت بار بولۇپ، چاچنىڭ رەڭگىنى ئاسراشقا پايدىلىق.

      ۋىتامىن تولۇقلاش، ۋىتامىن A ئىپىتېلىيە توقۇلمىسىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ. B گۇرۇپپا ۋىتامىن باش تېرىسىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولغان يېمەكلىكلەر سەۋزە، پالەك قاتارلىقلار، بارلىق دانلىق زىرائەتلەر تەركىبىدە B گۇرۇپپا ۋىتامىنلار مول.

      قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، ھەرىكەت ۋە ئۇۋۋۇلاش قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا بارماق ئۇچلىرى بىلەن باش تېرىسىنى ھەر كۈنى 5، 10 مىنۇت ئۇۋىلاپ بەرسە پايدىلىق.

 

مەنبە: ئۇلۇنىش تورى تەھرىر: ئاينۇر