باش بەت | پىسخىكا

بالىلاردىكى پىسخىك ساغلاملىقىنىڭ ئالتە ئۆلچىمى

     1. بىلىم تەشنالىقى كۈچلۈك بالىلار بۇنداق بالىلارنىڭ قىزىقىشى كڭ دائىرىلىك بولىدۇ، شەيئىلەرنى كۆزىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كاللا ئىشلىتىشكە ئامراق، پىكىرى ئۆتكۈر، ھەرقانداق نەرسىلەرنى ئۆگەنگۈسى كېلىدۇ، ھەرقانداق نەرسىلەرنى سىناپ باققۇسى كېلىدۇ، يېڭى شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاسى تېز، ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ.

      2. ئىرادىسى چىڭ بالىلار قىيىنچىلىقتىن ۋە ئوڭۇشسىزلىقتىن قورقمايدۇ، نىشانغا يەتمىگىچە نىيىتىدىن يانمايدۇ، ھەرگىز يېرىم يولدا توختاپ قالمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆز ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتىنى كونترول قىلالايدۇ. سىرتقى دۇنيا ۋە كۆڭلىدىكى كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. زېھنىنى يىغىپ ئۆگىنەلەيدۇ ۋە خىزمەت قىلالايدۇ.

      3. شوخ ۋە ئۈمىدۋار بالىلار باشقىلار بىلەن سەمىمىي مۇناسىۋەت قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى ۋە غەم – قايغۇسىنى يوشۇرالالمايدۇ، باشقىلارنىڭ پىكرىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا پەيدا بولغان ناچار كەيپىياتنى ناھايىتى تېز ئوڭشاپ ئىچىدە غۇم ساقلىمايدۇ.

      4. پىسخىكىسى تۇراقلىق بالىلار دائىم خۇشال – خۇرام كەيپىياتىنى ساقلىيالايدۇ، ئىشلارغا يولۇققاندا ئېغىر – بېسىق بولىدۇ. كەيپىياتى ئېگىز – پەس بولىدىغان ۋاقىتلىرى ناھايىتى ئاز، يولۇققان مەسىلىلەرنى ئاقىلانىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلالايدۇ، تەشۋىشلىنىدىغان ۋە ئەسەبىيلىشىدىغان ئىپادىسى كۆپ كۆرەلمەيدۇ.

      5. ھېسداشلىققا ئىگە بالىلار باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئامراق، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە خۇشتار كېلىدۇ. دائىم ‹‹باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈش›› ۋە ‹‹جەمئىيەتنى سۆيۈش›› ئادىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

      6. كىشىلىك مۇناسىۋىتى ياخشى بالىلار كۆڭلى – كۆكسى كەڭ بولىدۇ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدۇ، باشقىلار بىلەن ئىجىل – ئىناق ئۆتەلەيدۇ. كوللېكتىپ ھەرىكەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، ئىنتىزام چەكلىمىسىگە ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ماسلىشالايدۇ.

 

 

مەنبە: تەھرىر: مېھراي