باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ئانامنىڭ خۇشاللىقى

راھىلە ئەمەت

      ئانام 35 ياشلار چامىسىدىكى قارا قاش، بۇغداي ئۆڭ، چىۋەر ئائىلە ئايالى. دادام يىل بويى سىرتلاردا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغاچقا ئائىلىمىزنىڭ يۈكى ئانامنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن. ئانام تاڭ يورۇماستا ئورنىدىن تۇرۇپ بىزگە ناشتىلىق تەييارلايدۇ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ. چۈشتە ۋە كەچتە بىز مەكتەپتىن كەلگۈچە مەززىلىك تاماقلارنى تەييارلاپ قويىدۇ. مەن ھازىرغىچە ئانامنىڭ ئۆيدە بىرەر كۈن تاماق ئەتمىگەنلىكىنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئانام ئاغرىپ قالسىمۇ بىزگە تاماق ئېتىپ بېرىدۇ.

      بىر دەم ئېلىش كۈنى ئانام بازاردىن نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىپ كەلمەكچى بولدى. ئۇ مېڭىش ئالدىدا ھەدەم ئىككىمىزگە دەرسلىرىمىزنى ئوبدان تەكرار قىلىشنى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىزگە تاماق ئېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئانام ماڭغاندىن كېيىن تاپشۇرۇقنى بالدۇرلا ئىشلەپ بولدۇق.

      – سىڭلىم، ئانام ھېلى سوغۇقتا توڭلاپ قايتىپ كېلىدۇ. بىزگە تاماق ئېتىمەن دەپ يەنە جاپا تارتىدۇ. بىز ئانام كەلگۈچە ئىسسىق بىر چىنە سۇيۇقئاش ئېتىپ تۇرايلىمۇ؟ – دېدى ھەدەم.

      – بولىدۇ، – دېدىممەن خۇشال بولۇپ، – ئەمما، تاماق ئېتىپ باقمىغان تۇرساق، ئانام ئادەتتىمۇ بىزنى تەكرار قىلىۋالسۇن دەپ تاماققا يېقىن يولاتمايتتى، قانداق ئېتىمىز؟

      – خاتىرجەم بول، چوقۇم قىلالايمىز، – دېدى ھەدەم ئىشەنچ بىلەن. بىز ئالدى بىلەن ئانامدىن چالا – بۇلا كۆرۈۋالغىنىمىز بويىچە خېمىر يۇغۇردۇق. ئاندىن ئۇنى نىپىز يېيىپ چاچتەك كېسىۋالدۇق. سۈيىگە ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئاش كۆكى، سامساق، پەمىدۇر قاتارلىق كۆكتاتلارنى سالدۇق. تامىقىمىز ئەمدىلا پىشۋېدى ئانام قايتىپ كەلدى. قولىدا ئېغىر خالتىلار بار ئىدى. يۈزى سوغوقتا قىزىرىپ كەتكەنىدى.

      – قىزلىرىم، ماشىنا ساقلاپ ھايال قالدىم، قورسىقىڭلار ئېچىپ كەتكەندۇ، ھازىرلا تاماق ئېتىپ بېرەي، – دېدى ئانام چاپىنىنى سالغاچ.

      – ئانا، بولدى ئاۋارە بولماڭ، بىز ئەتكەن تاماقنى تېتىپ بېقىڭ، – دېدى ھەدەم كۈلۈپ تۇرۇپ. ئانام ھەدەم سۇنغان تاماققا قاراپ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدى ۋە خۇشاللىقىدىن بىزنى باغرىغا چىڭ بېسىپ «قىزلىرىم چوڭ بوپتۇ» دەپ پېشانىمىزگە سۆيۈپ قويدى. ئانامنىڭ خۇش بولغانلىقىنى كۆرۈپ قىلغان ئىشىمىزدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇق. بۇ كۈن بىز ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر كۈن بولدى.

(ئاپتور قەشقەر شەھەرلىك 8 – باشلانغۇچ مەكتەپ 6 – يىللىق 6 – سىنىپتا)

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر