باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئەجدادلىرىمدىن پەخىرلىنىمەن

(نەسىر)

سالاھىدىن ئابدۇسالام

      ئۆزۈمنىڭ قامۇس يېزىپ، لۇغەت تۈزۈپ، خەرىتە سىزغان، 1000 يىلدىن كېيىنمۇ خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان كاشىغەر ئەۋلادى ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن.

      ئۆزۈمنىڭ چەت ئەل دەرسلىرىگە تېكىست قىلىپ كىرگۈزۈلگەن، ۋاقىتقا ئەڭ توغرا، يۇقىرى باھا بەرگەن ‹‹يىللارغا جاۋاب›› شېئىرىنى يازغان ئوت يۈرەك شائىر ئەۋلادى ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن.

      ئۆزۈمنىڭ خەلقنى مەرىپەت يولىغا باشلاپ، قاراڭغۇ دىلىنى يورۇتقان تەۋپىق ئوغلىدىن ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن. ئۆزۈمنىڭ ‹‹ئويغان›› شېئىرى بىلەن خەلقىمنى ئويغاتقان، ‹‹ئاچىل›› ناملىق ئەسىرى بىلەن خەلق قەلبىنى توختىماستىن ئاچقان ئابدۇخالىق نەسلىدىن ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن.

      ئۆزۈمنىڭ سانائەتنى تۇنجى بولۇپ مەملىكەت مىقياسىغا ئېلىپ كىرگەن، مائارىپ ئۈچۈن ئاساس سالغان مۇسابايوفلارنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن.

      ئۆزۈمنىڭ نۇرغۇن ئىزلار قالغان زېمىننى ئويغىتىپ، تارىخ ھەقىقەتلىرىنى بەتلەرگە پۈتكەن، ئانا يۇرت ئۈچۈن يوللار ئاچقان ئۆتكۈر بالىسى ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن.

      ئۆزۈمنىڭ ئەنە شۇنداق پەخىرلىك ئەجدادلار نەسلىدىن تۆرەلگەن ئۈمىدلىك پەرزەنت بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.

(ئاپتور شىخۇ شەھەرلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3 – يىللىق 1 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر