باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

ھاجى ئەخمەت

     

 

       شائىر ۋە ژۇرنالىست ھاجى ئەخمەت 1942 – يىلى 9 – ئايدا قەشقەر شەھىرىگە تەۋە شامالباغ يېزىسىنىڭ كۆكئېرىق كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1949 – يىلىدىن 1955 – يىلىغچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، 1956 – يىلى مىللىي مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش كۇرسىدا، 1957 – يىلىدىن 1960 – يىلىغىچە شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تەقسىمات بويىچە ئاقسۇغا كېلىپ، قىزىل ئوتتۇرا مەكتىپىدە 1961 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. لېكىن ئىجتىمائىي ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىزمەتتىن ئايرىلىپ، 1964 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئائىلىدە بولغان. 1965 – يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇپ، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1980 – يىلىغا قەدەر قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئۇ 1980 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان ‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.

      ھاجى ئەخمەت باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چاغلىرىدىلا ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلاپ، ئۆمەر مۇھەممىدى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇدى ۋە يادلىدى. كېيىنچە پۇشكىن، لېرمونتوۋ، ئابدۇللا توقاي قاتارلىق شېئىرىيەت نامايەندىلىرىنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن تونۇشتى، ئۇلاردىن ئۆزىگە بەدىئىي ئوزۇق ئالدى ۋە مەشىقىي شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشتى.

      ھاجى ئەخمەت 1958 – يىلى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› دە ئېلان قىلىنغان ‹‹نۇرلۇق چىراغلار›› ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت مەيدانىغا قەدەم تاشلاپ، ئارقا – ئارقىدىن ‹‹باھار تۇيغۇسى››، ‹‹نەي››، ‹‹بۇلاق››، ‹‹ھايات ئىشقى››، ‹‹گۈلجاھان››قاتارلىق كۆپلىگەن لىرىك شېئىر ۋە داستانلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ بەدىئىي تالانتىنى نامايەن قىلدى. 1958 – يىلىدىكى ‹‹ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى›› دىن تارتىپ تاكى ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› ئاخىرلاشقۇچە بولغان يىگىرمە يىللىق ھايات مۇساپىسىدە، ئۇ تۈرلۈك بوران – چاپقۇنلارغا يولۇققان بولسىمۇ ئۈمىد شامىنى ئۆچۈرمەي، ئىشەنچىسىنى يوقاتماي، قەلەمنى زادىلا تاشلىمىدى. باشتىن كەچۈرگەن جىسمانىي ۋە مەنىۋى ئازابلار ئۇنى تېخىمۇ قەيسەرلەشتۈردى. نۇرغۇن قول يازمىلىرى ۋە ئۇزۇن يىللار ئىچىدە يىغقان كىتابلىرى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما شائىر ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى قىلچە سوۋۇتمىدى، ئاشۇ يىللاردا شائىر ‹‹ھاياتقا مۇھەببەت››، ‹‹كېلەچەك››، ‹‹مەھبۇس تىلەكلىرى››، ‹‹ۋىسال ئارزۇسى››، ‹‹ھىجران قوشاقلىرى›› دېگەندەك كۆپلىگەن لىرىكىلارنى يېزىپ، پارلاق كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ، ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

      ‹‹تۆت كىشىلىك گۇرۇھ›› تارمار قىلىنىپ، ئەدەبىيات – سەنئەتتە يېڭىچە گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، شائىر تېخىمۇ غەيرەتلىنىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە تېخىمۇ قىزغىن كىرىشتى. ئۇ قىسقىغىنە بىر قانچە يىل ئىچىدە ‹‹ئۆچمەس يۇلتۇزلار››، ‹‹كىتاب ھەققىدە باللادا››، ‹‹نوزۇگۇم››، ‹‹دولان ناخشىلىرى››، ‹‹كۈچ بىرلىكتە››، ‹‹بۈركۈت ناخشىسى››، ‹‹مۇئەللىم›› قاتارلىق ئىككى يۈز پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، مەسەل، باللادا، داستان ئېلان قىلدى. شائىر ئۆزىنىڭ بۇ بىر قاتار شېئىرىي ئەسەرلىرىدە، قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەن گۈزەل باھارغا تەنتەنە قىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن كەڭ ۋە ئەركىن شۇغۇللىنىشقا ئوبدان مۇھىت ياراتقان پارتىيەگە رەھمەت – تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىزنى، ۋەتەن، تۇغۇلغان ئانا تۇپراق ئۈچۈن جان پىدا ئەيلەپ ئۆچمەس تۆھپە ياراتقان قەيسەرلەرنى، يېڭى ئۇزۇن سەپەردە ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىۋاتقان مەردۇ مەردانىلەرنى قىزغىن كۈيلىدى.

      ھاجى ئەخمەتنىڭ شېئىرلىرى پىكىرلىرىنىڭ روشەنلىكى، قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختىلىقى، شېئىرىي تىل، شېئىرىي جۈملىلەرنىڭ پىشقانلىقى، تىلىنىڭ ساپ، راۋان، چۈشىنىشلىكلىكى بىلەن ئالاھىدىدۇر. بولۇپمۇ ئۇ تىل ئىشلىتىشتە، تىلنىڭ جانلىق، ئامما چۈشىنىدىغان بولۇشىغا، ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەرنىڭ كۆپ ئارىلىشىپ قالماسلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. شېئىرلارنى ئىمكان بار قىسقا، مېغىزلىق يېزىشقا تىرىشىدۇ.

      ھاجى ئەخمەتنىڭ ئىجادىيەت شەكلى ھەرخىل، تېما دائىرىسى كەڭ بولۇپ، مەيلى قايسى ژانىردا يېزىلغان بولسۇن، ھەممە ئەسىرى ئۆزىگە خاس تەم ۋە پۇراققا ئىگە. ھاجى ئەخمەت 1970 – يىلىدىن تارتىپ نەسىر ۋە ھېكايە يېزىشقىمۇ كىرىشتى، شۇنىڭدىن بۇيان نەسىر، ھېكايىلىرى ھەرقايسى گېزىت – ژۇرناللاردا بېسىلدى ھەمدە ئۇنىڭ بىر مۇنچىلىرى ‹‹كىشىلەر››، ‹‹يېشىل ۋادا››، ‹‹غۇنچىلار›› دېگەندەك كوللېكتىپ ھېكايە توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلدى. 1985 – يىلى ھاجى ئەخمەتنىڭ ‹‹گۈلجامال›› ناملىق پوۋېسىتى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى، بۇ پوۋېسىت ۋەقەلىكىنىڭ ئەگرى – توقاي، ئۆزگىچىلىكى، ھېسسىياتقا بايلىقى، تىلىنىڭ راۋانلىقى، گۈزەللىكى، پېرسوناژلىرىنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە ۋە جانلىقلىقى بىلەن كىتابخانلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

      ھاجى ئەخمەت ‹‹نوزۇگۇم››، ‹‹سەلەي چاققان›› دېگەندەك درامىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىنى يېزىشتىمۇ ياخشى ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى. بۇ ئىككى دراما، بولۇپمۇ ‹‹نوزۇگۇم›› درامىسى سەھنىلەردە قويۇلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىدە دراماتىك خۇسۇسىيەتلەرنى بىر قەدەر تولۇق ھازىرلىغانلىقى، خەلقىمىز قەلبىگە ئورنىشىپ كەتكەن نوزۇگۇم، سەلەي چاققاندەك تارىخىي شەخىسلەرنىڭ ئوبرازىنى ئاساسەن مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتالىغانلىقى بىلەن تاماشىبىنلارنى خۇشال قىلدى. شائىرنىڭ ‹‹قەدىردانىم››، ‹‹يېشىل كۆكلەم››، ‹‹كەشتىچى قىز قوشىقى››، ‹‹قەشقەر قىزى›› ناملىق ناخشا تېكىستلىرىمۇ كەڭ سەھنىلەردە ئورۇندالدى ۋە خەلق سۆيىدىغان ناخشىلارغا ئايلىنىپ قالدى.

      ھاجى ئەخمەت ئەدەبىياتشۇناسلىققا دائىر ئىلمىي تەتقىقات بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ‹‹ئۇيغۇر خەلق لەتىپىلىرى ھەققىدە››، ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى››، ‹‹ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا››، ‹‹ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ ۋەزىن ۋە قاپىيە شەكىللىرى›› دېگەنگە ئوخشاش كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى يازدى.

      ھاجى ئەخمەت توپلاپ رەتلىگەن ‹‹نەسىرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى›› (بالىلار ئۈچۈن)، ‹‹ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى›› ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇنەۋۋەر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى باھالاشتا، ئايرىم – ئايرىم ھالدا 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

      بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، ھاجى ئەخمەتنىڭ ‹‹ۋىسال ئارزۇسى››، ‹‹ئۆچمەس يۇلتۇزلار››، ‹‹نۇرلۇق چولپان››، ‹‹قىيان›› ناملىق شېئىر، ھېكايە، پوۋېست توپلاملىرى نەشر قىلىندى. بىر قىسىم ئەسەرلىرى قېرىنداش مىللەتلەر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشلۇقلىرىغا كىرگۈزۈلدى. ‹‹غەزەللەر››، ‹‹مەھبۇس تىلەكلىرى›› ناملىق شېئىرلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

      ھاجى ئەخمەت ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

 

مەنبە: باس - باس تورى تەھرىر: ئاينۇر