باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

دون دەرياسى كۆۋرۈكىنى ئەپچىللىك بىلەن ئىگەللەش

      ـ نېمىس قوشۇنلىرى دون دەرياسى تەرەپكە قاراپ چېكىنمەكچى، بىز چوقۇم دۈشمەنلەر چوڭقۇرلاپ كىرگەن كاراچ ئەتراپىدىكى دون دەرياسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر كۆۋرۈكىنى ئىگەللىشىمىز كېرەك، ـ سابىق سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى 26 - تانكا جۈنىنىڭ جۈنجاڭنى روگېن شياۋجياڭ ئۇرۇش توغرىسىدىكى ئېچىلغان يىغىندا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.

      بۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلى بولۇپ، 1942 - يىل 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئىكەن. شۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن، سابىق سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى ستالىنگىراد ئەتراپىدا ئومۇمىي سەپ بويىچە قايتۇرما ھۇجۇمنى باشلاپتۇ. ھازىر پۈتۈن سەپ بويىچە نېمىس قوشۇنلىرىغا قوغلاپ زەربە بەرمەكچى ئىكەن، بەلكى بۇ ھۇجۇمدا دۈشمەننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىپ 330 مىڭ قاچاق دۈشمەننىڭ چېكىنىش يولىنى توسۇشقا توغرا كېلىدىكەن. بۇ نېمىدېگەن جاپالىق ۋەزىپە - ھە!

      بۇ چاغدا روگېن شاۋجياڭ يىغىن قاتناشچىلىرىغا بىرقۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن، كوماندىرلارغا مۇندا دەپتۇ:

      بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە قاتتىق ئېلىشمىساق، دون دەرياسىنىڭ كۆۋرۈكىنى ئالغىلى بولمايدۇ، پىسىخىك جەھەتتىكى ئالداش ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ، كۆۋرۈكنى پەم بىلەن ئېلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى جۇڭگودىكى چۇ بىلەن خەن بەگلىكلىرى ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۇرۇشتا خەن بەگلىكىنىڭ سەركەردىسى جاڭ لياڭ «ھەممە تەرەپتە چۇ بەگلىكىنىڭ ناخشىسىنى ياڭرىتىپ» روھىي ھۇجۇم ئارقىلىق، چۇ بەگلىكى قوشۇنلىرىنىڭ كۆڭلىنى بۆلۈۋەتكەن، بۇ پىسىخىك جەھەتتىكى ئالداش ھۈنىرىنى ئىشلىتىشنىڭ تىپىك مىسالى. باگۈن بىزمۇ باشقىچىرەك يول تۇتۇپ، دۈشمەنلەردە خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىشىمىز لازىم...

      11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سەھەر ۋاقتى سائەت ئۈچ، يۇلتۇزلار تېخى تارقىمىغان، تاڭ يورۇمىغانىدى، سابىق سوۋېت ئارمىيەسى 26 - تانكا جۈننىڭ ئاۋانگارت قىسمىدىكى يۈزچە تانكا چىراغلىرىنى يورۇتۇپ، بىر يول بولۇپ قاتار تىزىلىپ، ئوستىرۇۋتىن كاراچىقا بارىدىغان تاش يولنى بويلاپ، نېمىس قوشۇنلىرىنىڭ بىرنەچچە ئون كىلومېتىر مۇداپىئە لىنىيەسىدىن ئۆتۈپ ئۇدۇل دون دەرياسى كۆۋرۈكىگە كىرىپتۇ.

      نېمىس قوشۇنلىرى سوۋېت ئارمىيەسى تانكىلىرىنىڭ كېچىسى چىراغلىرىنى بولۇشىغا يورۇتۇپ قويۇپ مېڭىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنداق قىلغاندا ئۆزىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ، تاكتىكىغا دىققەت قىلماي، قاتار تىزىلىپ مېڭىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئوق چىقارماي، توپ - زەمبىرەك ئاتماي ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشى يوق گەپ دەپ قاراپتۇ - دە، قىلچە گۇمانلانماستىن بۇ قوشۇننى ئۆزىمىزنىڭ قوشۇنى دەپ بىلىپ، تەكشۈرۈپمۇ قويماستىن، تانكىلارنىڭ كۆۋرۈككە بىمالال كېلىشىگە يول قويۇپتۇ.

      دون دەرياسى كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە يەتتە تال رەڭلىك سالىيوت كۆتۈرۈلۈپتۇ، تاڭ مەزگىلدە كۆتۈرۈلگەن بۇ سالىيوت كۆكتە ئۆزنى قاماشتۇرغۇدەك پارقىراپتۇ، ئاسماندىكى ھەر خىل ھەر ياڭزا رەڭلەردىكى يۇلتۇزلاردىنمۇ كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ، كىشىلەرنى ھاياجانغا ساپتۇ...

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل - پاراسەتكە دائىر ھېكايىلىرى تەھرىر: مېھراي