باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

يېڭى تىپتىكى زەنجىرسىمان ۋېلىسىپىت

      يېقىندا كورىيە ئالىملىرى ‹‹زەنجىرسىز ۋېلىسىپىت››نى ياساپ ئادەم كۈچىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، ۋېلىسىپىتنىڭ ئالدى چاقىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلدى. بۇ ۋېلىسىپىتنىڭ مۇھىت ئاسراش رولى بولۇپ، زىيانلىق گاز چىقارمايدۇ.

      بۇ تىپتىكى ‹‹زەنجىرسىز ۋېلىسىپىت›› دۇنيادىكى تۇنجى بىرىكمە ئېنېرگىيەلىك زەنجىرسىز ئېلېكتىرو ۋېلىسىپىت بولۇپ قالدى. ئادەم كۈچى بىلەن ئېلېكتىرون كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، پۇتنىڭ دەسسەش كۈچىنى بىۋاسىتە ۋېلىسىپىتنىڭ چاقىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدۇ، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى ۋېلىسىپىتنىڭ پىرىنسىپى بولسا ۋېلىسىپىت مىنگۈچىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئەگرى دەستە گېنېراتورىغا يەتكۈزۈپ، ئۇنى بىۋاسىتە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسەگە ئايلاندۇرىدۇ، بۇ  ئېنېرگىيەلەر ۋېلىسىپىت رامكىسىدىكى لىتىيلىق باتارېيەدە ساقلىنىدۇ، ئاندىن ئېلېكتىرو ماتورنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈشى بىلەن كەينى چاقنى قايتا ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىنى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي