باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

سۇ

نۇربىيە پەتتار

      سۇ ئىنتايىن قىممەتلىك. ئەجدادلىرىمىز ‹‹سۇسىز ھايات بولماس، ئەمگەكسىز راھەت›› دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. ئەگەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا سۇ بولمىسا بىز ھايات كەچۈرەلمەيمىز.

      ئىلگىرى مەن يەر شارىنىڭ كۆپ قىسمىنى سۇ قاپلاپ تۇرغاچقا سۇ بايلىقىمىز ئىنتايىن مول، ئۇ مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ، دەپ ئويلايتتىم. بىر قېتىم ئۆيىمىزدە ئۈچ كۈن سۇ توختاپ قالدى. ئاڭلىساق مەھەللىنىڭ سۇ تۇرۇبىسى يېرىلىپ كەتكەنىكەن. سۇ يوق ئۈچ كۈندە بىز يۈز – كۆزلىرىمىزنى يۇيۇش، تاماق ئېتىش ۋە كىيىم يۇيۇشتا ئىنتايىن قىينالدۇق. مۇئەللىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە يەر شارىدا تاتلىق سۇ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەن. ئەگەر ئۇنى ئىسراپ قىلىۋەتسەك كەلگۈسىدە بىز ئىچكۈدەك سۇمۇ قالمايدىكەن. بۇ كۈنلەردە ماڭا سۇنىڭ قەدرى بەكمۇ ئۆتۈلگەچكە بۇنىڭدىن كېيىن بىر تامچە سۇنىمۇ ئىسراپ قىلماسلىققا ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم.

(ئاپتور تۇرپان شەھىرى يار يېزىسى چوڭ كۆۋرۈك مەكتەپ باشلانغۇچ 3 – يىللىقتا)

يېتەكچى: رابىيگۈل ئۆمەر

  

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر