باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنى بارغانسېرى دۆت قىلىپ قويىدىغان يېمەكلىكلەر

      بالىلار يېمەكلىكىگە دىققەت قىلمىغاندا چوڭ مېڭە زەخمىلىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئوزۇقلانغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

      بەك تۇزلۇق يېمەكلىكلەر: تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ھەمدە ئىنكاسى ئاستلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، شۇڭا تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمىگەن ياخشى.

      تەركىبىدە تېتىتقۇ كۆپ بولغان يېمەكلىكلەر: چوڭلار بىر كۈندە تۆت گىرام تېتىتقۇ يېسە بولىدۇ، لېكىن ھامىلدارلار بىلەن بالىلار تېتىتقۇ يېمەسلىكى كېرەك.

      تەركىبىدە ئوكسىدلاندۇرۇلغان ماي يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر:  ئوكسىدلاندۇرۇلغان ماي تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭىنىڭ ئاسان قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كۆپ يېمەسلىك كېرەك.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر