باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

كەڭ قورساقلىق

      ناھايىتى داڭلىق بىر بوكسىيورچى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ دوستلىرى بىلەن سىرتقا ئوينىغىلى چىقىپتۇ. ئاپتوموبىل ئاۋات كوچىدا كېتىپ بارغاندا تۇيۇقسىزلا بىر كىچىك بالا يولدىن ئۆتۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بوكسىيورچى جىددىي تورمۇز قىلىپ، كىچىك بالىغا يول بوشىتىپ بېرىپتۇ. بىراق ئويلىمىغان يەردىن، ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ كەينىدىكى ئاپتوموبىل تورمۇز قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كەينىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى بۇ بوكسىيورچىنى ئاپتوموبىلدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ، ئۇنى نوقۇپ، تىللاپلا كېتىپتۇ. بىراق بۇ بوكسىيورچى ئۇنىڭ تىللاشلىرىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇپتۇ ھەم ھەممە ئىشنى كۈلۈپ ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن بوكسىيورچىنىڭ ئاغىنىلىرى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن قول ياندۇرمايدىغانلىقىنى ئۇ شوپۇرغا ئۆزىنىڭ داڭلىق بىر بوكسىيورچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاغرىنىپتۇ.

      بوكسىيورچى ئاغىنىلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹ئۇنداقتا سىلەرنىڭ دېگىنىڭلار بويىچە بولغاندا، ئەگەر بىرسى داڭلىق بىر ناخشىچىنى تىللىسا، ئۇنداقتا بۇ ناخشىچى بۇ كىشىگە ناخشا ئېيتىپ بېرىشى كېرەكمۇ؟›› دەپتۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي