باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

كاۋا كاۋىپى

 

      قەشقەرگە بارسىڭىز، كاۋا كاۋىپى چوقۇم ئىشتىيىڭىزنى ئاچىدۇ. كاۋا كاۋىپى قەشقەردە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، يول - يوللاردا ھارۋىلارغا قويۇلغان كېسىپ پارچىلانغان كاۋىلارنى كۆرىسىز. كاۋا كاۋىپىنىڭ ئۆزگىچە پۇرىقى ھىچنەرسىگە ئوخشىمايدۇ.

      كاۋا كاۋىپىنى ئۇيغۇرلار نان ياقىدىغان تونۇردا پۇشۇرىدۇ، تونۇردا كاۋىنىڭ سىرتى كۆيۈپ. ئىچى يۇمران پىشىدۇ. كاۋا تونۇردا 2 - 3 مىنۇت تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، پىچاق بىلەن كېسىپ، سوۋۇتۇپ يىيىلىدۇ. ھورى چىقىپ تۇرغان كاۋىنىڭ مىزىلىك پۇرىقى ئادەمنى ناھايىتى جەلىپ قىلىدىغان بولۇپ. يىسىڭىز بۇ تەم ھەرگىزمۇ سىزگە كاۋىدەك تېتىمايدۇ.

      كاۋىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى مول بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى كاۋىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، كاۋىنىڭ تەركىبىدىكى مېنىرال ماددىلار مول بولۇپ، تەركىبىدىكى كاروتىن ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار يەنە يۇقىرى قان بېسىمى ۋە سۈيدۈك سىستېمىسىدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا ناھايىتى پايدىلىق.

 

 

مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئاينۇر