باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

مەن ئۆزگەردىم

دىلارە مەمتىلى

      مەن ئائىلىمىزدە يالغۇز بالا بولۇپ دادام، ئاپام كۆزۈمگە بەك قارايتتى. مەن كۆكتات يېيىشنى ياخشى كۆرمىگەچكە تاماق يېگەندە دائىم كۆكتاتلارنى ئىلغىۋېتەتتىم. ئاپام، دادام كۆپ تەربىيە قىلغان بولسىمۇ بۇ يامان ئادىتىمنى ئۆزگەرتمىگەنىدىم. بىر كۈنى مەكتەپكە ماڭاي دەپ تۇرسام ئاپام مەندىن:

      — قىزىم، چۈشتە نېمە يېگۈڭىز بار؟ – دەپ سورىدى، مەن:

      — پولۇ يېگۈم بار، – دېدىم.

      چۈشتە مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ئاپامنىڭ پولۇ ئەمەس، لەڭمەن ئەتكەنلىكىنى كۆردۈم – دە، قاپاقلىرىمنى تۈرۈپ:

      — ئاپا، پولۇ يەيمەن دېسەم لەڭمەن ئېتىپسىزغۇ، – دەپ رەنجىدىم. ئاپام:

      — بۈگۈن دادىڭىزنىڭ سەل مىجەزى يوق بولۇپ قاپتۇ، لەڭمەن يېگۈسى بار ئىكەن، شۇڭا لەڭمەن ئەتكەنىدىم، – دېدى.

      مەن يەنىلا باتناپ لەڭمەننى ئازراقلا يەپ تەخسىنى ئىتتىرىپ قويدۇم. بۇ چاغدا گەپ قىلماي بىر چەتتە ئولتۇرغان دادام سەۋرچانلىق بىلەن:

      — قىزىم، سىز باياشاد تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە يەتمەي ئىسراپخورلۇق قىلىۋاتىسىز. بىز كىچىك چېغىمىزدا بۇنداق ئوخشىغان تاماق نەدە تۇرۇپتۇ، بۇغداي نېنى يېيەلىسەك خۇشال بولۇپ كېتەتتۇق. ئۇن بولمىسا لەڭمەن ئەتكىلى بولمايدۇ، ئۇن بۇغدايدىن چىقىدۇ، بۇغداي دېھقانلارنىڭ ھالال ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى. ئۇلار تومۇز ئىسسىقتا ھاردىم – تالدىم دېمەي جاپالىق ئەمگەك قىلغاچقا بىز مۇشۇنداق ياخشى تاماقلارنى يېيەلەيمىز. ئاشلىقنى ئىسراپ قىلغانلىق ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلمىغانلىق، شۇنداقلا ئەخلاقسىزلىق. ئاپىڭىز خىزمەتتىن ھېرىپ – چارچاپ كېلىپ ئەتكەن تاماقنى ياراتماي ئاشۇرۇپ قويسىڭىز ئىسراپخورلۇق قىلغان بولىسىز. بۇنىڭدىن كېيىن تاماق تاللايدىغان ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ، – دېدى.

      دادامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خىجىل بولدۇم ۋە ئۆز – ئۆزۈمگە: ‹‹بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز تاماق تاللىمايمەن›› دەپ ۋەدە بەردىم.

(ئاپتور قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر