باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

كومپيۇتېر قاتناشنى قانداق باشقۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قانداق قوماندانلىق قىلىدۇ؟

      شەھەرلەردە، قاتناش باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىشتا ‹‹كومپيۇتېر ئارقىلىق قاتناشنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىش تور سىستېمىسى›› ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ كومپيۇتېر مەركىزى، قاتناش قىستاڭ جايلارغا ئورنىتىلغان تېلېكامېرا، كومپيۇتېر ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئاگاھلاندۇرۇش كارتىسى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ. ئۇ ‹‹ئېلېكتىرونلۇق ساقچى››غا ئوخشاش قاتناش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ‹‹ئىگەللەپ››، قاتناش ھادىسىلىرىنى ‹‹بىر تەرەپ قىلىپ››، قاتناش تەرتىپىنى قوغداشقا ياردەم بېرىدۇ.

      مەسىلەن، تاشيولدا ئىككى ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كېتىپ، قاتناشنىڭ توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئاپتوموبىل ۋە يولۇچىلار يول يۈرۈشكە ئامالسىز قالىدۇ. شۇ يول بۆلىكىگە ئورنىتىلغان تېلېكامېرا بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال كومپيۇتېر مەركىزىگە مەلۇم قىلىدۇ. كومپيۇتېر مەركىزى شۇ ھامان ھادىسە يۈز بەرگەن جايغا ئەڭ يېقىن قاتناش ھاقچىسىغا مەلۇم قىلىپ، نەق مەيدانغا ۋاقتىدا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. كومپيۇتېر مەركىزى يەنە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، رادىيو ئىستانسىسى ۋە يول بويىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتىكى شوپۇرلارغا ھادىسە يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئايلىنىپ مېڭىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كومپيۇتېر مەركىزى ھادىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ ساقلاپ قويىدۇ.

      بەزى دۆلەتلەردە، تىك ئۇچار ئايروپىلانمۇ كومپيۇتېر ئارقىلىق قاتناشنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىش تورىغا قاتنىشىدۇ. ئۇ دائىم پەس ئۇچۇپ، كومپيۇتېر مەركىزىنىڭ شەھەر قاتناش ئەھۋالىنى كۆزىتىشىگە، ئەھۋال ئىگەللىشىگە، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا، تېز بىر تەرەپ قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مېھراي