باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بالىڭىزغا ئۈچ ياشتىن ئىلگىرى تېلېۋىزور كۆرسەتمەڭ

      بەزى دۆلەتلەردە ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشى قانۇنسىز لىق ھېسابلىنىدىكەن، چۈنكى ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلار تېلېۋىزور كۆرسە چوڭ مېڭىسى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى: چوڭ مېڭە ۋە نېرۋا سېستىمىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تېلېۋىزور كۆرۈش كىتاب ئوقۇشقا ئوخشىمايدۇ، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. لېكىن تېلېۋىزور كۆرگەندە، بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، چۈنكى ئۈچ ياشتىن ئىلگىرى بالىلارنىڭ چوڭ مىڭىسى %80 ئەتراپىدا يېتىلىپ بولىدۇ، دائىم تېلېۋىزور كۆرۈش، چوڭ مېڭىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

      ئۇيقۇسى ۋە بويىنىڭ ئۆسىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلارنىڭ بويى ئاساسلىقى ئۇخلاش جەريانىدا ئۆسىدۇ، ئۇزاق مەزگىل تېلېۋىزور كۆرگەندە، بالىلارنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

      ئاسانلا يۈرەك - قان ئايلىنىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، كۈندە ئىككى سائەت تېلېۋىزور كۆرگەن ياكى كومپىيۇتېر ئوينىغان بالىلارنىڭ بالىلارنىڭ يۈرەك-قان كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئېشىپ كېتىدىكەن.

      خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، ئىچمىجەز بولۇپ قالىدۇ. ئۇزاق مەزگىل تېلۋىزور كۆرگەندە بالىلارنىڭ كەيپىياتىدا تۇراقسىزلىق كۆرۈلۈپ، خاراكتېرى ئۆزگىرىپ بالىلار بىلەن چىقىشالمايدىغان، ئىچمىجەز بولۇپ قالىدۇ.

 

مەنبە: باس - باس تورى تەھرىر: ئاينۇر