باش بەت | كائىنات سىرلىرى

ئاسترونوملا يەر شارىغا ئوخشايدىغان پىلانېتالار تىزىملىكىنى تۈزدى

      ئەنگلىيەدىكى «پوچتا گېزىتى» تۈنۈگۈن مۇنداق خەۋەر بەردى ئامېرىكىلىق ئاسترونوملار سامان يولى سىستېمىسىدا بار، ئەمما قۇياش سىستېمىسىغا تەۋە بولمىغان يەر شارىغا ئوخشايدىغان پىلانېتالار تىزىملىكىنى تۈزدى.

      ئاسترونوم ئابېل مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە يەر شارىغا ئوخشايدىغان 80 نەچچە پىلانېتا بايقالدى، بىز ئۇلاردىن سۇ بولۇشى مۇمكىن بولغان يەتتە پىلانېتانى تاللاپ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزدۇق.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي