باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

باي ناھىيەسىدىكى ‹‹پالاز›› توقۇش ۋارىسى ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋارىسى›› بولۇپ تاللاندى

 

پەرىدەم تۇردى پالاز توقۇماقتا

      باي ناھىيەسىدىكى پالاز توقۇش ۋارىسى پەرىدەم تۇردى يېقىندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 4 - تۈركۈمدىكى دۆلەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تۈرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسى بولۇپ تاللاندى.

      ‹‹پالاز›› توقۇش شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىكى ئىپتىدائىي ماتا توقۇمىچىلىق ھۈنەر سەنئىتى بولۇپ، ئۇ ماتېرىيال تاللاش، رەڭ بېرىش، يىپ ئىگىرىش، توقۇش قاتارلىق جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      باي ناھىيەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پالاز توقۇش خام ماتېرىياللىرى مول، بوياق ماتېرىيالى ئالاھىدە بولۇپ، رەڭ تۈرلىرى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما بوياق ماتېرىيالى ۋە خام ماتېرىيال ئىنتايىن ئالاھىدە ھەم ئاز ئۇچرايدۇ، مەسىلەن: چىرغىناق يىلتىزى، يېڭى ياڭاق ئېپىدېرمىسى، يېڭى ئانار پوستى، ياۋا تاغ گۈلى، رەڭلىك كان تېشى قاتارلىقلار ئىشتىلىدۇ، رەڭ تاللاشتا ئاددىي، كۆركەم، سالماق، تەبىئىي رەڭلىك بوياقلار تاللىنىدۇ، شۇنداقلا ئۆسۈملۈك شىرنىسىدەك تەبىئىي پۇراق بار.

      باي ناھىيەسىدىكى قېيىر يېزىسىنىڭ پالاز توقۇش ھۈنىرى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك، بولۇپمۇ بۇ يېزىدىكى مىڭبۇلاق كەنتىنىڭ ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك. كەنتتىكى 500 دىن ئارتۇق ئائىلىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولۇپ، يېرىمىدىن كۆپرەك ئائىلە ئايالى پالاز توقۇش ھۈنىرىنى بىلىدۇ.

      ‹‹پالاز›› ئىپتىدائىي ئۇسلۇبنى ساقلاپ قالغان، ئادەتتىكى توقۇلما بۇيۇملاردىن تېخىمۇ نەپىس بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىكى زۆرۈر ئائىلە بۇيۇمى. ئۇنىڭدىن باشقا، تېۋىتسىز گىلەم، تام چىتلاق، كاڭ چىتلاق، تاغار، ئات خۇرجۇنى قاتارلىقلارنى تىككىلى بولىدۇ، يەنە ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئاساسەن رەڭلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، ئوچۇق رەڭلىك، پۇختا، چىداملىق پالاز بۇيۇملارنى تىكىدۇ.

      پالاز توقۇش ھۈنىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، بايقالغان مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىنىشىچە، بۇنداق توقۇلما بۇيۇملارغا 3800 يىل بولغان، نۆۋەتتە، بۇ توقۇلما بۇيۇملار ھۈنىرى يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولۇپ، بۇ خىل توقۇلمىچىلىق كەسپى ‹‹تىرىك قاتما›› دەپ ئاتالماقتا.

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باي ناھىيەسى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تۈرى ۋارىسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇكاپاتلاش، تولۇقلىما تارقىتىش، سىياسىي جەھەتتىن ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تۈرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسلىرىنىڭ مىراسلارنى تارقىتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللاپ، قۇۋۋەتلىدى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ چوڭ تەرەققىيات، چوڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زور تۆھپىلەرنى قوشتى.

 

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى تەھرىر: ئاينۇر