باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ھوۋقۇش بالىسى

(ئىلمىي ھېكايە)

ئابدۇلئېزىز ئىسمايىل

      مەھەللىنىڭ تەسكەي دوقمۇشىدىكى ھادىئاخۇن بوۋاينىڭ ئۆيى ئالدىدا يۈز نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە، ھېلىھەم بۈك – باراقسان كۆكىرىپ تۇرىدىغان بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخى بار ئىدى. غولىغا ئىككى ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيتتى. ھەر يىلى ئۈجمە پىششىقىدا ئۈجمە يېگىلى كەلگەن ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىدىن بوۋاينىڭ ھويلىسى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمەتتى. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئەتىسى – ئاخشاملىرى ئۈجمە شاخلىرىغا مايمۇندەك يامىشىپ مەي باغلاپ پىشقان ئۈجمىلەرنى ئىشتىھا بىلەن يېگەچ قىلىشقان قىزغىن پاراڭلىرى، كۈلكە – چاقچاقلىرى، قىيا – چىيالىرى كىشىنى ئىختىيارسىز بالىلىقنىڭ تاتلىق تۇيغۇلىرىغا ئەسىر قىلاتتى.

       ماينىڭ ئاخىرقى يەكشەنبىسى، چىڭقى چۈش. پىژغىرىم ئاپتاپ، تىنجىق ھاۋادىن نەپەس ئېلىشمۇ قىيىن ئىدى. ھادىئاخۇن بوۋاينىڭ 12 ياشلىق ئوماق نەۋرىسى مۇھەممەتجان تەققى – تۇرقى، چوڭ – كىچىكلىكى ئاسلانغا ئوخشايدىغان، كۆرۈمسىز، چېقىر كۆز، كالتە ئەگمە تۇمشۇق، پەيلىرى بوز بىر قۇش بالىسىنى ئىككى قولىدا سىقىمدىغىنىچە ھويلىغا يىغلامسىراپ كىرىپ كەلدى.

      — بوۋا، ئۈجمە شېخىدىكى بۇ قۇش بالىسىنى ئىرپان ماڭقا رەگەتكىسى بىلەن ئېتىپ يارىلاندۇردى، — دېدى ئۇ تال بارىڭى ئاستىدا سايىداپ ئولتۇرغان بوۋىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، — ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتمىساق ئۆلۈپ قالىدۇ.

      بوۋاي قۇش بالىسىنى قولىغا ئېلىپلا گويا قولىغا تىكەن كىرىپ كەتكەندەك ئەندىكىپ يەرگە تاشلىۋەتتى. مۇھەممەتجان ئېچىنىشلىق ۋىچىرلاۋاتقان نىمجان جانىۋارنى دەرھال قولىغا ئېلىپ ئېسەدەپ يىغلىغىنىچە بوۋىسىغا دوق قىلدى.

      — سەن نېمانچە تاش يۈرەك، بوۋا! بۇ بىچارىنى نېمىشقا يەرگە تاشلىۋېتىسەن؟ بوۋاي نەۋرىسىگە چالۋاقىدى:

      — ماۋۇ ئەقىلسىز جۇۋاينىمەكنىڭ قىلغان ئىشىنى، بۇ دېگەن ھوۋقۇش بالىسى، ئۇ قايسى ئائىلىنىڭ ھويلىسىدىكى دەل – دەرەختە سايرىسا شۇ ئائىلە ۋەيران بولىدۇ، دېگەن گەپ بار. ماڭ، بالا – قازانى چىللايدىغان بۇ لەنىتى قۇشنى يىراققا تاشلىۋەت!

      — ياق، تاشلىۋەتمەيمەن! — دېدى مۇھەممەتجان يىغىدىن توختاپ، — دۇنيادىكى ئۇچار قۇشلارنىڭ ھەممىسى ياخشى. ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارمىساڭ ئۆزۈم داۋالايمەن. گۆش، قۇرت، چېكەتكىلەر بىلەن ئوبدان باقىمەن. ساقايغاندا تەبىئەتكە قويۇپ بېرىمەن.

      — ئەستاغپۇرۇللا، ماۋۇ بالىنىڭ تەرسالىقىنى، بۇ نىجىسىنى بېقىپ ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلماقچىمۇسەن؟ ئۇنى دەرھال كۆزۈمدىن يوقات! بولمىسا تاياق يەيسەن!

      شۇ چاغدا بوۋاينىڭ كەنجى ئىنىسى ئەيسا مۇئەللىم ھويلىغا كىرىپ كەلدى. بوۋاي ئاچچىقىنى زورىغا بېسىپ ئىنىسى بىلەن تىنچلىق سوراشتى.

      — نېمىنى تالاش – تارتىش قىلىۋاتىسىلەر؟ ئاكا، بۇ ئوماق شاكىچىككە كايىپلا كېتىپسەنغۇ؟ — دېدى ئەيسا مۇئەللىم مۇھەممەتجاننىڭ دومسىيىپ قالغان ئوماق تۇرقىغا مەستلىكى كېلىپ. يېرىلالماي تۇرغان مۇھەممەتجان مۇئەللىم تاغىسىنى كۆرۈپلا بولغان ئىشلارنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى.

      — ھە، ئەسلىدە مۇنداق ئىش ئىكەن – دە! — دېدى ئەيسا مۇئەللىم كۈلۈپ كېتىپ، — ئاكا، سەن ھازىرغىچە مۇشۇ قاراشتىمۇ؟ ھوۋقۇشنى بالا – قازانى چىللايدۇ، دەپ قاراش ئۇچىغا چىققان خۇراپىيلىق، نادانلىق. ھوۋقۇش ھەقىقەتەن ۋەھىمىلىك سايرايدىغان كۆرۈمسىز قۇش. لېكىن، ئۇ چاشقانلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىشكە ماھىر. ھەرقانداق قۇشنىڭ تەققى – تۇرقىغا، سايرىشىغا قارىماي قىلغان ئىشىغا، قوشقان تۆھپىسىگە قاراش كېرەك. ماتېرىيالدا يېزىلىشىچە، بىر ھوۋقۇش يىلدا ئىككى، ئۈچ مىڭ چاشقاننى تۇتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەن ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ جەسىتىنى يەپ مۇھىتنىڭ ساپلىقىنى قۇغدايدىكەن. ھوۋقۇشتەك پايدىلىق قۇشلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ھازىر دۇنيادا 9603 خىل قۇش بار. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پايدىلىق قۇشلار. مۇھەممەتجاندەك قۇشلارغا كۆيۈنگەن بالا كەلگۈسىدە مېھرىبان، ئەخلاقلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قۇشنى داۋالىشىغا ياردەملىشەيلى، ئاكا!

      بوۋاي ئىنىسىنىڭ سۆزىگە قايىل بولدى. مۇھەممەتجانغا قاراپ:

      — بولدى ئوغلۇم، مەن خاتا قىپتىمەن، بۇنى ھازىرلا دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى! — دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مۇھەممەتجاننىڭ چىرايى ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار قۇش بالىسىنى ناھىيەلىك چارۋا – مال دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ يارىسىنى تاڭدۇردى. مۇھەممەتجاننىڭ كۆيۈنۈپ بېقىشى بىلەن ھوۋقۇش بالىسى ساقىيىپ مامۇق پەيلىرى تېخىمۇ ئۆسۈپ پارقىراپ كەتتى.

      — بالام، بۇ جانىۋارنى بۇنداق بېقىۋەرسەڭ تىرىكتاپ قىلىپ قويىسەن، — دېدى ھادىئاخۇن بوۋاي بىر كۈنى نەۋرىسىنىڭ بىلىكىگە قونۇپ بەخىرامان تۇرغان ھوۋقۇش بالىسىغا قاراپ، — ئۇنى مەھەللە ئارقىسىدىكى توغراقلىققا قويۇۋەت! ئۆز كۈچىگە تايىنىپ جان باقسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى باقىمەن دەپ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان تۈزۈك دەرسمۇ ئۆگىنەلمىدىڭ.

      مۇھەممەتجاننىڭمۇ خىيالى شۇ ئىدى. ئۇ ئۆزىگە ئىجىل بولۇپ قالغان ھوۋقۇش بالىسىنى بىلىكىگە قوندۇرۇپ مەھەللە ئارقىسىدىكى تەبىئىي توغراقزارلىققا ئاپىرىپ قويۇۋەتتى. ھوۋقۇش بالىسى شەپقەتچىسىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغاندەك ئۇنىڭ باش ئۈستىدە نەچچىنى ئايلىنىپ ‹‹ھۇۋ – ھۇۋ!›› قىلىپ سايرىغىنىچە قانات قېقىپ جەنۇب تامان ئۇچۇپ كەتتى.

(ئاپتور كەلپىن ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)

  

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر