باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

دادام

شەرۋانەم ئۆمەر

      يەتتە ياشقا كىرگەن چاغلىرىم ئىدى. ئاپام مېنى يېتىلەپ مەھەللىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى. مەن مەكتەپكە كىرىپلا رەتلىك كىيىنگەن مۇئەللىملەرنى، قىپقىزىل گالىستۇك تاقىغان ئوقۇغۇچىلارنى، ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. بىزگە مەسئۇل چىرايلىق مۇئەللىم بىزنى ئازادە سىنىپقا باشلاپ كىردى ھەم ئىسىم فامىلىمىزنى سوراشقا باشلىدى.

      – ئىسمىم نادىرە. دادام دوختۇر، ئاپام ئوقۇتقۇچى.

      – ئىسمىم مۇرادىل. ئاتا – ئانام تىجارەت قىلىدۇ.

      – ئىسمىم تۇرسۇن. ئاتا – ئانام دېھقان.

      – ...

      ساۋاقداشلىرىم بەس – بەستە ئۆزىنى تونۇشتۇردى. نۆۋەت ماڭا كەلگەندە يۈرىكىم ئەنسىز سېلىپ كەتتى.

      – ئىسمىم ئالىيە، ئاپام ئائىلە ئايالى، – دېدىم ئارانلا.

      – دادىڭىزچۇ؟ – دېدى مۇئەللىم كۈلۈمسىرەپ.

      – دادام... دادام ... يوق! ...

      ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى «پاراققىدە» كۈلۈشۈپ كەتتى. ‹‹قۇشقاچنىڭمۇ دادىسى بارغۇ، سېنىڭ نېمىشقا يوق؟›› دېدى ئۇلار مېنى مازاق قىلىپ. ئەمەلىيەتتە ئاپامدىن دائىم دادامنى سورىسام «سېنىڭ داداڭ يوق!» دەپلا جاۋاب بەرگەچكە مەنمۇ دادام توغرۇلۇق كۆپ ئىشلارنى بىلمەيتتىم.

      – ساۋاقداشلار، قالايمىقان گەپ قىلماڭلار، – دېدى مۇئەللىم خاپا بولۇپ. ئارقىدىن باشقا ساۋاقداشلار ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ۋىچىرلاپ سۆزلەشلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى.

      كەچتە ئۆيگە يۈگۈرۈپ كەلدىم. ئاپام ئىشىك ئالدىدا يىڭنە ئىشى قىلىپ ئولتۇرغانىكەن.

      – ئاپا، دادام قېنى؟ – دەپ سورىدىم ھاسىراپ تۇرۇپ.

      – سېنىڭ داداڭ يوق، – دېدى ئاپام پەرۋاسىزلىق بىلەن.

      – ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ دادىسى بار ئىكەن، نېمىشقا مېنىڭ دادام يوق؟ – دېدىم يىغلاپ.

      ئاپام ماڭا بىرھازا قارىۋەتكەندىن كېيىن قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ مېنى باغرىغا باستى:

      – بالام، داداڭ سەن بىر ياشقا كىرگەندە مەن بىلەن ئاجرىشىپ بىزنى تاشلاپ كېتىپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قارىسىنى كۆرسەتمىدى. مەن قانچە جاپا چەكسەممۇ سېنى ئوبدان بېقىپ ياخشى ئوقۇتۇشنى نىيەت قىلدىم. شۇڭا، دادام يوق دەپ كۆڭلۈڭنى ھەرگىز يېرىم قىلما، – دېدى يىغلاپ تۇرۇپ.

      ئاپامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ دادامدىن ئىنتايىن نەپرەتلەندىم. ئەگەر دادام بولغان بولسا مەنمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا دادام يوق دەپ بوينۇمنى قىسىپ يۈرمىگەن، ئاپاممۇ بۇنچە جاپا تارتمىغان بولاتتى.

(ئاپتور يەكەن ناھىيەسى مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 9 – يىللىق 2 – سىنىپتا)

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر