باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

دېھقانلارنىڭ دەرەخ كېسىشى

      گېرمانىيەنىڭ ۋېتىدىن ھاۋسىن دېگەن يېرىدىكى ۋېرنكېن دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمىدىكى كەنتنىڭ ئارقا تەرىپى قېلىن ئورمانلىق بولۇپ، يېنىدا تۈگمەنگە سۇ بارىدىغان بىر ئۆستەڭ بار ئىكەن، ئالدى تەرىپىدىكى ئانچە ئۇزاق بولمىغان جاي ئوبېندوف ئىكەن. بۇنىڭدىن خېلى ئۇزاق يىللار بۇرۇن، بۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ ئەقىللىق ۋە چىۋەر ئىكەنلىكىنى يىراق - يېقىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدىكەن. كىشىلەرنى ھەممىدىن بەك قىزىقتۇرىدىغىنى بۇ دېھقانلارنىڭ چاقچاقچى ۋە تەۋەككۇلچى ئىكەنلىكى ئىكەن.

      بىر كۈنى دېھقانلار گراف جونناس فون چىمموبېننىڭ بۇ يەرگە كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ كەنت ئالدىدىكى چوڭ يولدا پۇتلىرىنى بىر - بىرىگە ئالماشتۇرۇپ دۈگىلەك بولۇپ ئولتۇرۇۋېلىپ قالايمىقان ۋارقىراپ - جارقىراپ ئۆزئارا دە - تالاش قىلغىلى تۇرۇپتۇ، گراف ئېتىنى توختىتىپ ئۇلاردىن نېمە تالىشىۋاتقانلىقىنى سوراپتۇ. دېھقانلار ئۆزىنىڭ پۇتىنى تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزئارا دە - تالاش قىلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ گرافدىن ھەربىر دېھقاننىڭ پۇتىنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم قىلىشنى سوراپتۇ، ئەگەر گراف مۇشۇ ئىشتا ئۇتۇپ چىقىدىغان بولسا ئۇنىڭغا بىر خالتا ئاشلىق بېرىشكە ماقۇل بوپتۇ.

      جونناس بۇ ئىشقا قىزىقىپ ئېتىدىن چۈشۈپتۇ - دە قولىغا كالتەكتىن بىرنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ پاچىقىغا تازا ئۇرۇپتىكەن كالتەك كىمنىڭ پۇتىغا تەگسە شۇ دەرھال ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپتۇ. دېھقانلار جونناسنىڭ ئۇتۇپ چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر خالتا ئاشلىق بېرىدىغان بوپتۇ.

      جونناس ئەپەندى ئۆيىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئادەملىرىگە ھەم يوغان ھەم ئۇزۇن خالتىدىن بىرنى تىككۈزۈپتۇ. بۇ خالتىغا بىر ماشىنا ئاشلىقنى قۇيسىمۇ تولمايدىكەن بۇ خالتىنى كۆرگەندىن كېيىن دېھقانلارنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا قاپتۇ. بۇ خالتىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك ئاشلىق كېتەر؟! بىراق خەتتە بىر خالتا ئاشلىق دەپ ئېنىق يېزىلغان. لەۋنى چىشلەپ بولسىمۇ خالتىنى تولدۇرماقتىن باشقا ئامال يوق.

      دېھقانلار بۇ ئىشتا زىيان تارتقاندىن كېيىن، زىياننى تۆلىتىۋېلىش قارارىغا كەپتۇ.

      بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، دېھقانلار بىرقانچە كىشىنى ۋەكىل سايلاپ، جونناس ئەپەندىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئورمانلىقىدىن  ئۆي  سېلىش ئۈچۈن ئازراق ياغاچ كېسىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغانىكەن. جونناس ئەپەندى بۇ ئىشقا ماقۇل بوپتۇ.

      دېھقانلار جونناسنىڭ ئورمانلىقىنىڭ ئۇ قېتىدىن چوڭ بىر تۈپ دەرەخنى كېسىپتۇ - دە، ئاندىن جونناسنىڭ ئالدىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت بىر تۈپلا دەرەخ كەسكەنلىكى، لېكىن دەرەخ بەك يوغان بولغانلىقتىن، يۆتكەشكە ئەپسىز بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، دەرەخنى شۇ پېتى يۆتكىلىۋېلىش ئۈچۈن، ئورماندىن يول ئېلىشقا ماقۇل بولۇشنى، شۇنىڭدەك يول بويىدىكى ياغاچنى ئېلىپ مېڭىشقا پۇتلاشقان دەرەخلەرنىمۇ كېسىپ بىللە ئېلىپ مېڭىشقا قوشۇلۇشنى ئىلتىماس قىپتۇ. جونناس دېھقانلارنى نادان دەپ بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بوپتۇ.

      دېھقانلار ياغاچنى ئادەتتىكىدەك ئوزۇنىغا ئېلىپ ماڭماي، توغرىسىغا قويۇپ، ئىككى ماشىنا بىلەن ئېلىپ مېڭىپتۇ. بۇ دەرەخ ھەم يوغان، ھەم ئۇزۇن بولغاچقا، ئۇنىڭ شاخلىرى ئىككى تەرەپتىن خېلى يىراققا سوزۇلۇپتۇ ئۇلار ياغاچنى ئېلىپ ئورماندىن چىقىش جەريانىدا، بۇ چوڭ دەرەخنىڭ شېخى تەگكەنلىكى دەرەخنى قويماي كېسىپ، كەنتكە ئېلىپ كەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆتكەنكى زىيىنىنى تۆلىتىۋېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىرمۇنچە پايدا ئاپتۇ.

      جونناس شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ يەردىكى دېھقانلارنى سەل چاغلىمايدىغان بوپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل - پاراسەتكە دائىر ھېكايىلىرى تەھرىر: مېھراي