باش بەت | پىسخىكا

ئىچى تارلىق ئۆزىنى كەمسىتىشتىن بولىدىكەن

      گوللاندىيەلىك تەتقىقاتچىلار يېقىندا ئىچى تارلىقنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىشتىن كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

      تەتقىقاتچىلار 70 ئىستۇدېنت (30 ئوغۇل، 40 قىز) پىدائىيغا تۆۋەندىكىدەك ئىككى زىيارەت ماتېرىيالىنى ئوقۇتقان. بىرىنچى ماتېرىيالدا بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن، بۇ ئوقۇغۇچى بىر ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىزمەتكە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. ئىككىنچى ماتېرىيالدا يۇقىرىقى ئوقۇغۇچىغا يېتەكچىلىك قىلغان ئوقۇتقۇچىنى زىيارەت قىلىش جەريانى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشىدە زور چېكىنىش بارلىقى سۆزلەنگەن. ئىستۇدېنتلار بۇ ماتېرىياللارنى ئوقۇپ بولغانغاندىن كېيىن ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنىڭ چېكىنگەنلىكىدىن خۇشال بولۇش››، ‹‹ماتېرىيالنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئىختىيارسىز كۈلۈش›› قاتارلىق بەش خىل تاللاشتىن بىرنى تاللاپ ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلغان. تەتقىقاتچىلار ئۆزىنى كەمستىدىغان ئىستۇدېنتلارنىڭ ھېسسىياتىنىڭ ئاسانلا تەھدىتكە ئۇچراپ، ئىچى تارلىق قىلىدىغان ئالامەتلەرنى ئىپادىلەپ قويىدىغانلىقىنى بايقىغان. بىراق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلارنىڭ ھېسسىياتى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا ئۇلارمۇ ئىچى تارلىق قىلغان. تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىسپاتلاش ئۈچۈن يەنە بىر تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، تەجرىبىگە قاتناشقان يېرىمىدىن كۆپرەك ئىستۇدېنتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن، نەتىجىدە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچى تارلىق قىلىش نىسبىتى ئاۋۋالقىدىن روشەن دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر