باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بالىلاردىكى سېمىزلىكنىڭ زىيىنى

      كۈز ھەم قىشتا كۆپلىگەن بالىلار زۇكامداپ، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سېمىز بالىلارنڭ بۇنداق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

      بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرىنچىدىن، مۇۋاپىق ئىسسىقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، سىرتقا چىققاندا بالىنى قېلىنراق كىيىندۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ھاۋا ناچارلاشقاندا بالىنىڭ سىرتتىكى ھەرىكىتىنى ئازايتىش، ئادەم توپلاشقان جايغا ئاز بېرىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، بالا يۆتەلگەندە ئۆز ئالدىغا زۇكام، يۆتەل دورىسى ئىچۈرمەي، مۇنتىزم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش، بالىغا زورلاپ تاماق بېرىپ پور سېمىز قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 

مەنبە: تەھرىر: مېھراي