باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

يامىشىپ چىققىلى بولىدىغان ئائىلىكلەر بىناسى

      كۆپىنچە كىشىلەر پەلەمپەيدىن چىقىشنى ناھايىتى قىيىن ئىش دەپ قارايدۇ. يېقىندا ياپونىيەدىكى بىر لايىھەلەش ئورنى يامىشىشقا بولىدىغان ئۆيلەرنى لايىھەلەپ چىققان. لايىھەلىگۈچىلەر ئۈچ قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ سىرتقى تېمىغا ياماشقىلى بولىدىغان تاشلارنى ئورنىتىپ، تاغقا يامىشىش ھەۋەسكارلىرىغا ئۆز ئۆيىدىلا تاغقا يامىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلغان. بۇنداق ئۆيلەر ئادەتتە يەتتە مېتىردىن ئېگىزرەك قىلىپ سېلىنىدىكەن. بۇنداق ئۆيلەرنىڭ ئىچىگىمۇ پەلەمپەي ۋە بىۋاسىتە چىقىدىغان لىفىت ئورنىتىلىدىكەن. ئۆينىڭ ئىگىسى ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چىقماقچى بولسا ئۆينىڭ سىرتقى تېمىدىن يامىشىپ چقسىمۇ، پەلەمپەي ياكى لىفىت ئارقىلىق چىقسىمۇ بولىدىكەن. لايىھەلگۈچىلەر مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ خىل لايىھە كىشىلەرنى كۆپ ئىقتىدارلىق تۇرالغۇ بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا تېخىمۇ قولايلىق ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ››.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي