باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

قېرىنتال

 

      خۇرۇچلىرى: قوي قېرىنىدىن 250 گرام، يۇمغاقسۈتتىن 50 گرام، سېرىق ھاراقتىن 25 گرام، تېتىتقۇدىن ئۈچ گرام، غولپىياز قەلەمچىسىدىن 15 گرام، ئۇششاق توغرالغان زەنجىۋىلدىن بەش گرام، ئۇششاق توغرالغان سامساقتىن 10 گرام، سوقۇلغان ئاقمۇچتىن بەش گرام، كۈنجۈت مېيى، تۇز، شورپا قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا.

      تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن قېرىننى پاكىز يۇيۇپ قەلەمچە قىلىپ توغراپ قايناقسۇغا بېسىپ چالا پىشۇرۇۋالىمىز. ئاندىن يۇمغاقسۈتنى ئۇزۇنچاق توغراپ قازاننى قىزىتىپ، شورپىنى قۇيۇپ، سېرىق ھاراق، تۇز، قېرىننى سالىمىز. قازان قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى سۇسلىتىپ پىشۇرۇپ سوقۇلغان ئاقمۇچ، تېتىتقۇ، غولپىياز قەلەمچىسى، ئۇششاق توغرالغان زەنجىۋىل، سامساق ۋە يۇمغاقسۈتلەرنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنجۈت مېيىدىن ئازراق تېمىتىۋېتىپ ئالساق بولىدۇ.

 

مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئاينۇر